خۇنەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئورنى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى خۇنەن پىڭجياڭ ناھىيەسىدىكى ۋەنگۇ ئالتۇن كان يېرىدە كان تەكشۈرۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خۇنەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق خۇنەن ئۆلكىلىك گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئورنى كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ۋەنگۇ ئالتۇن كان يېرىنىڭ يەر ئاستىدىكى 2000 مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭقۇرلۇقتىكى يەر قاتلىمىدا 40تىن ئارتۇق ئالتۇن كان ياتمىسى بارلىقىنى، ئالتۇن دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 138 گىرام\توننىغا يېتىدىغانلىقىنى بايقىدى، كان تەكشۈرۈش يادرولۇق رايونىدا جەمئىي 300.2 توننا ئالتۇن بايلىقى بايقالدى. مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىپ مۇنداق قارىدى: خۇنەننىڭ شەرقىدىكى ۋەنگۇ ئالتۇن كېنىنىڭ كۆلىمى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بولۇپ، مۆلچەرىمىزچە، يەر ئاستىدىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان جايدىكى كەلگۈسى ئالتۇن زاپىسى 1000 توننىدىن ئاشىدۇ، ھازىرقى ئالتۇن باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا بايلىق قىممىتى 600 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.
11-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان پىڭجياڭ ناھىيەسىدىكى بىر چارلاش نەق مەيدانى(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دەي بىن فوتوسى
11-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان يەر ئاستى تاش ئۆزىكىدىكى «ئېنىق ئالتۇن». شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇ شياۋجوۋ فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى