تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ بىر ئايلىق تەتۈر سانىقى باشلاندى! 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئىمتىھان باشلىنىدۇ  3 مىليون 880 مىڭ ئادەم ئىمتىھانغا تىزىملاتتى

   مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئېلىنىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت مائارىپ بىرتۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە، 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

   ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2025-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 3 مىليون 880 مىڭغا يەتكەن.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.