تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە 7 مىليارد يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاندى

شىنجاڭ گېزىتى، گۇاڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى گۇاڭجوۋدا ئاياغلاشتى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 7 مىليارد يۈەن بولدى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە شىنجاڭ باغ - ئورمان كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى سەي لىشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى «تۆت تۇنجى قېتىم» كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش يېڭى يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى: شياڭگاڭلىق سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى؛ تۇنجى قېتىم شۆبە كۆرگەزمە مەيدانى تەسىس قىلىندى؛ تۇنجى قېتىم ئۈزۈم ھارىقى مەخسۇس رايونى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى؛ تۇنجى قېتىم توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە بازار ئېھتىياجى يېتەكچى قىلىنىپ، باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش، ياخشى سېتىشقا سىجىل كۈچەش چۆرىدىلىپ، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش نەتىجىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. جەمئىي 400دىن ئارتۇق سېتىۋېلىش سودىگىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتى، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ سانى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ سانىدىن تۇنجى قېتىم ئاشتى. كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەھسۇلاتلار ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 50 نەچچە تۈردىكى 800 نەچچە خىل مەھسۇلات كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە «قارا ئالقات چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى» «قىزىلگۈل ئاچچىقسۈيى» «ياڭاق كەسمە چۆپى» قاتارلىق پىششىقلانغان باغ - ئورمان يېڭى مەھسۇلاتلىرى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىدە نامايان بولدى.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر كۆرگەزمە مەزگىلىدە يەرلىك كارخانىلارنى ئەتراپتىكى مېۋە ئىستېمال مەركەزلىرىگە بېرىپ سودىدا ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، كۆرگەزمىنى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بازىرىنى ئېچىشتىكى «سەكرەش تاختىسى» قىلىپ، كۆرگەزمە ئاياغلاشسىمۇ قايتماي، كۆرگەزمىنىڭ كېڭىيىشچانلىقىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

شىنجاڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تەرىپلەنگەن «مېۋە - چېۋە ماكانى»، 2024 - يىلى باغ - ئورمان ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 14 مىليون توننىغا يېتىشى، تاۋار مېۋە نىسبىتىنىڭ %86تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىشى مۆلچەرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.