ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«ياخشى توپ! ياخشى توپ! كىردى!» يېقىندا ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى ئوتتۇرا قاراجول كەنتىدىكى ۋاسكېتبول مەيدانىدا، كەنتتىكى بالىلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ بىر مەيدان ۋاسكېتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.
مەيداندا توپچىلار جانلىق يۈگۈرۈپ ئورۇن ئېلىپ ياخشى ماسلاشتى، ئۇلارنىڭ يېشى كىچىك بولغىنى بىلەن، توپ ئېلىپ قارشى تەرەپتىن ئۆتۈش، ماسلىشىپ پاس بېرىش، گارغا توپ ئېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتاتتى. چىرايلىق بېرىلگەن پاس، ئېسىل كىرگەن توپ، نەق مەيداندىكى كەسكىن كۆرۈنۈش كىشىنىڭ كۆزىنى ئىمىر-چىمىر قىلىۋېتەتتى.
ئوتتۇرا قاراجول كەنتى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتا، تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن قورشالغان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2000 مېتىرچە كېلىدۇ. كەنتتىكى ئەسلىدىكى ۋاسكېتبول مەيدانى سېمونت يەر بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت شامال، ئاپتاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يەر يۈزى ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ۋاسكېتبول جازىلىرى بوشاپ، قىيسىيىپ قالغانىدى، بۇ، ئاممىنىڭ ئارام ئېلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئېلىپ كەلگەنىدى.
بۇ مەسىلىلەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇپ، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەسلىدىكى ئورۇنغا يېڭىدىن بىر كەسپىي ۋاسكېتبول مەيدانى سالدى. ئىككى ئايلىق قۇرۇلۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، نۆۋەتتە ۋاسكېتبول مەيدانىغا سۈركىلىشكە چىداملىق، تېيىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغان 400 كىۋادرات مېتىرلىق مۇھىت قوغداش تىپىدىكى پىلاستىك ماتېرىيال ياتقۇزۇلدى، مەيداننىڭ بىر تەرىپىگە ئۈچ رەت پەشتاق تەسىس قىلىندى، 500دىن ئارتۇق ئادەم مۇسابىقە كۆرەلەيدۇ، تۆت ئەتراپقا يورۇتۇش چىرىغىدىن ئالتىسى ئورنىتىلدى، گار تاختىسىمۇ پولات ئەينەككە ئالماشتۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ھەم ئاممىنىڭ ھەرىكەت قىلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى، ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، تېخىمۇ مۇھىمى تاغلىق رايوندىكى بالىلارنىڭ ئۆلچەملەشكەن چىراغ ئورنىتىلغان پىلاستىك توپ مەيدانىغا ئىگە بولۇش ئارزۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئوتتۇرا قاراجول كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى جاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت <ئىككى كومىتېت>ى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، <تەنتەربىيە+مەدەنىيەت>نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كەنتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋاسكېتبول كوماندىسى، پۇتبول كوماندىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيەنىڭ كۈچى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى، كۆپچىلىكنىڭ <ۋاسكېتبول ئارزۇسى>، <پۇتبول ئارزۇسى>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتتى».
(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېي)