چەت ئەل ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى:
دېڭىزدىن ئەڭ يىراق جايدا «دېڭىز» بىلەن ئۇچراشتۇق
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، «جۇڭگودا ئۇچرىشىش. شىنجاڭدىكى ئۇچرىشىش» 2024 ـ يىللىق خەلقئارا تاراتقۇلار زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقانلار باغراش ناھىيەسىگە بېرىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ «دېڭىزدىن ئەڭ يىراق جاي»دا «دېڭىز» بىلەن ئۇچراشتى.
باغراش كۆلى قەدىمدە «شىخەي» دەپ ئاتالغان، ئۇ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى. ئارىلىق ئاپتوموبىلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدىكى كۆل بويىدا توختىغاندا، كەڭ كەتكەن ئالتۇن رەڭلىك قومۇشلار كۆلنى ئوراپ تۇراتتى، سۇس تۇمان قاپلىغان سۇ يۈزى، ئالتۇن رەڭلىك ساھىل، پەرۋاز قىلىۋاتقان سۇ قۇشلىرى... چەت ئەل ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى بۇلارنى كۆرۈپ «ۋاھ» دەپ ھەيران قىلىشتى.
كۆل بويىدا، بەزى تىجارەتچىلەر سۇ قۇشلىرىغا بەرسە بولىدىغان نان سېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۆپچىلىككە ناھايىتى قىزىقارلىق بىلىندى. «شىنجاڭدىكى سۇ قۇشلىرىنىڭمۇ نان يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.» پاكىستانلىق ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىسى ھاسان ئۇۋۇتۇلغان ناننى ئېلىپ سۇ بويىدا تۇرۇپ، سۇ قۇشلىرىنىڭ ئۇچۇپ كېلىپ يېيىشىنى كۈتتى. «سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن تېگىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ۋە سۇ قۇشلىرى بار ئىكەن، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى ھاسان.
تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 239.2 كىلومېتىر كېلىدىغان باغراش كۆلىنى ئايلىنىدىغان تاشيولدا بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاتناش باشلانغان بولۇپ، چەت ئەل ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرىمۇ بۇ قىزىق نۇقتا ساياھەت لىنىيەسىنى كېلىپ كۆردى.
باغراش كۆلىنى ئايلىنىدىغان تاشيولنىڭ باغراش ناھىيەسى تەۋەسىدىكى يول بۆلىكى قۇملۇق، قاقاسلىق، شورلۇق ساھىل ۋە سۇلۇق يەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، باغراش كۆلىدىكى نېلۇپەر دۇنياسى، باغراش كۆلىدىكى بەيلۇجوۋ قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۈنچە ـ مارجاندەك تۇتاشتۇرۇپ، گۈزەل ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن. ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا ئۇچراتقان زور تۈركۈمدىكى ساياھەت ئۆمەكلىرى ۋە ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرى چەت ئەل ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرىگە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
بەيلۇجوۋ مەنزىرە نۇقتىسىدا، بېلگىيەلىك ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىسى مىت دىركس سۇ بويىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا يېتىپ، ئاپتاپقا قاقلانغاچ، شامالدىغاچ، ئازادە دەملەردىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. «سۇنىڭ ئاۋازى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن، بۇ يەر بەك گۈزەل ئىكەن. سۇ يۈزى كەڭ بولۇپ، تەبىئەت ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ ئىنتايىن كىچىكلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.» كېلىشتىن بۇرۇن ئۇ شىنجاڭدا قۇملۇق، ئوتلاق، تاغ ـ دەريالارنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى، لېكىن بۇ يەردە بۇنداق چوڭ، بۇنداق گۈزەل كۆلنىڭ بارلىقىنى، يەنە سەيلە كېمىسى، سەيلە ۋېلىسىپىتى قاتارلىق مول كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدى.
ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىلنى توختىتىپ سەيلە قىلىشى ۋە ئارام ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى بەيلۇجوۋ قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا يېڭىدىن مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلدى، ساياھەت ھاجەتخانىسى كۆپەيتىپ سېلىندى.
باغراش ناھىيەسىدە نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلەر بولۇپلا قالماي، يەنە مول ئادىمىيەت سەنئىتى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، «موڭغۇل مىللىتى كىيىم ـ كېچىكى» «موڭغۇل مىللىتى كەشتىچىلىكى» قاتارلىق تۆت تۈر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، يەنە 11 تۈر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. شىنجاڭ باغراش موڭغۇل مىللىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش مەركىزىدە، كۆپچىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ناخشا ـ ئۇسسۇلى، مىللىي كىيىم ـ كېچەك قاتارلىقلارنى كۆردى ۋە ئىگىلىدى.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان «ئورتېكې» ئويۇنى چەت ئەل ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنىڭ قانداق قىلىپ بىر تەرەپتىن ساز چېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ياغاچ ئۆچكىنى مۇزىكا رىتىمىغا ئەگەشتۈرۈپ ئۇسسۇلغا سېلىشى ئۇلارنى ئىنتايىن قىزىقتۇردى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنىڭ قولىدىكى كەشتە ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە «ھەميان» «ئويۇنچۇق» دەپ پەرەز قىلدى، بۇ ئەمەلىيەتتە ئاشخانىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان چەينەك قويغۇچ ئىدى. مىت مۇنداق دېدى: «ئۇلار كەشتە تىكىش ھۈنىرىنى كىيىم ـ كېچەككە، ياستۇققا، يىپ ـ يىڭنە خالتىسىغا ئىشلىتىپتۇ، چەينەك قويغۇچ شۇنداق نەپىس ئىكەن، بۇنىڭدىن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ گۈزەل، بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن».
باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۆرۇڭ مۇنداق دېدى: «<غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + ساياھەت> <غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + ئويۇن قويۇش> قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق، مەدەنىيەت ـ ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى باغراش ناھىيەسىگە كېلىپ سەيلە ـ ساياھەت قىلىش، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، مول مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».