مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كانادا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 12- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ ۋانكۇۋېر- شاڭخەي ئارىلىقىدا ھەر ھەپتىدە تۆت نۆۋەت بېرىپ- كېلىپ بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئايروپىلاننى ھەر ھەپتىدە يەتتە نۆۋەتكە كۆپەيتىشنى پىلانلىغان، 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ ۋانكۇۋېر- بېيجىڭ ئارىلىقىدا ھەر ھەپتىدە يەتتە نۆۋەت بېرىپ- كېلىپ بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئايروپىلاننى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تەرەپ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ ھازىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىش پىلانىنى ئىلتىماس قىلىشنى تېزلىتىۋېتىپتۇ. جۇڭگو- كانادا ئىككى تەرەپ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىشى ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش- كېلىش ۋە ئىقتىساد- سودا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو- كانادا ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورت بازىرىنىڭ يەنىمۇ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
جۇڭگو- كانادا خەلق ئاۋىياتسىيە تارماقلىرىنىڭ كۆپ قېتىم كېڭىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو- كانادا ئىككى تەرەپ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىۋاسىتە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى.






