10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىغا بارىدىغان تاشيولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار خۇددى رەسىم ئىچىدە مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
ئارداق بېيىسقان فوتوسى
كۈز پەسلىدىكى شىنجاڭ
گويا رەڭگارەڭ چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشايدۇ
تىيانشان تېغى ئېتىكىدە
قىزغۇچ سېرىق، قېنىق قىزىل ۋە ئالتۇن رەڭلەر ئاستا-ئاستا يېيىلىدۇ
كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنىڭ ھۆسىن قوشۇشى بىلەن
بۇ رەڭلەر
شۇ قەدەر روشەن
شۇ قەدەر خىيالىي تۈسكە تولىدۇ

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاراتۆرۈك توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى.
ساۋ شىنجيا فوتوسى
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا
يۇلتۇزلۇق ئاسمانمۇ شىنجاڭنىڭ يەنە بىر ئاجايىپ مەنزىرىسىگە ئايلىنىدۇ
جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار
سامانيولى خۇددى يېيىلغان پەردىدەك ئاسماننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ
كىشىگە ئالەمنىڭ سىرلىقلىقى ۋە چەكسىزلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ

10-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىنىڭ شىمالىدىكى بەيياڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى چۆللۈكتە، قۇتۇپ نۇرى توغراقلىق ئاسمىنىدا ئەكس ئېتىپ، ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.
مىن يۇڭ فوتوسى
مەيلى تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن بارلىققا كەلتۈرۈشىدىن بولسۇن
ياكى ئادىمىيەتنىڭ چوڭقۇر ئاساسى بولسۇن
شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلى
كىشىگە ھەمىشە چەكسىز خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك بېغىشلايدۇ

10-ئاينىڭ 9-كۈنى، بورتالا شەھىرىدىكى بىڭخې باغچىسىنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى.
شاتتىق قايرات فوتوسى

10-ئاينىڭ 9-كۈنى، بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت كارىدورىغا بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، شاخلار قىزىل يوپۇرماقلار بىلەن تولغانىدى.
شاتتىق قايرات فوتوسى

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارا بۇغرا بازىرىغا جايلاشقان ساخا مەنزىرە رايونى قويۇق كۈز تۈسىگە كىردى. ھەر يىلى مۇشۇ پەسىل كەلگەندە، پۈتكۈل تاغلىق رايوندىكى قاتمۇقات ئورمانلار رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەقىقىي مەنزىرە ماي بوياق رەسىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 9-كۈنى، بورتالا دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى.
شاتتىق قايرات فوتوسى

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارا بۇغرا بازىرىغا جايلاشقان ساخا مەنزىرە رايونى قويۇق كۈز تۈسىگە كىردى. ھەر يىلى مۇشۇ پەسىل كەلگەندە، پۈتكۈل تاغلىق رايوندىكى قاتمۇقات ئورمانلار رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەقىقىي مەنزىرە ماي بوياق رەسىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، سانجى شەھىرى ئاشلى يېزىسىدىكى نۇرجا چوڭ جىلغىسىدىكى ئېگىزلەپ-پەسىيىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغلار ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
تيەن گوجيەن فوتوسى

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، سانجى شەھىرى ئاشلى يېزىسىدىكى نۇرجا چوڭ جىلغىسىدىكى ئېگىزلەپ-پەسىيىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغلار ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
تيەن گوجيەن

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر سېلىش.
ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاراتۆرۈك توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى.
ساۋ شىنجيا فوتوسى