سائەتلىك تۈزۈمدە ئادەم ئىشلىتىش سائەت بويىچە ھەق ھىسابلاش ئاساس قىلىنىدىغان، ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى بىر ئورۇندا ئىشلەيدىغان ئوتتۇرىچە ۋاقتى ئادەتتە 4 سائەتتىن ئاشمايدىغان، ھەر ھەپتىلىك ئىش ۋاقتى يىغىندىسى 24 سائەتتىن ئاشمايدىغان ئادەم ئىشلىتىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.
سائەتلىك تۈزۈمدە ئادەم ئىشلىتىشتە
سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى كېلىشىشكە بولامدۇ؟

«ئەمگەك توختامى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن
سائەتلىك تۈزۈمدە ئادەم ئىشلىتىشتە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ
سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى كېلىشىشكە بولمايدۇ

سائەتلىك تۈزۈمدە ئادەم ئىشلىتىشتە، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ
ھەرقايسىسى
ھەرقانداق ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى توختىتىشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ
ئەمگەكچى ئىشلىتىش ئاخىرلاشقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن
ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تۆلەم بەرمەيدۇ.
سائەتلىك تۈزۈمدە ئادەم ئىشلىتىشتە، مائاش قانداق تارقىتىلىدۇ؟

سائەتلىك تۈزۈمدە ئادەم ئىشلىتىشتە
سائەت بويىچە ھەق ھېسابلاش ئۆلچىمى
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن
ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك
سائەتلىك تۈزۈمدە ئادەم ئىشلىتىشتە، ئەمگەك ھەققىنى
راسچوت قىلىپ بېرىش ۋاقىت مۇددىتى
ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ
«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى