10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسىدا، بىر توپ ساقىيقۇش قومۇشلۇقتىكى تېيىز سۇ رايونىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىدى، ئارام ئالدى.
قاراماي شەھەرلىك ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلقى پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىك كۆچۈش پەسلىدە، گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسى ساقىيقۇشنى كۈتۈۋالغان، ئەتىيازدا بىرى، كۈزدە سەككىزى كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان قاراماي شەھىرىدىن ئۆتۈپ توختاپ ئۆتكەن ئەڭ چوڭ ساقىيقۇش توپى بولۇپ قالغان.
قاراماي شەھەرلىك ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جەمئىيەت باشلىقى جاۋ لەنشېڭ مۇنداق دېدى: ساقىيقۇشنىڭ سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنىڭ كۆرسەتمە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قارامايدا توختاشنى تاللىشى شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتى ۋە سۇ سۈپىتى شارائىتىنىڭ پەسىل قۇشلىرىنى بارغانسېرى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.








ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قاراماي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى