10- ئاينىڭ 22- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شىسى بىرلىكتە يولغا قويغان، جېجياڭ چاڭلۇڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «ئارال ناملىق» دەپ نام بېرىلگەن ئايروپىلانى خاڭجوۋ شياۋشەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن تۇنجى ئۇچۇپ، شۇ كۈنى بىڭتۇەن 1- شىسى ئارال شەھىرى تارىم ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى.
«ئارال ناملىق» ئايروپىلاننىڭ سىرتىدىكى رەڭلىك سىزمىلار چىرايلىق بولۇپ، ئومۇمىي لايىھەسىدە 1- شى ئارال شەھىرىنىڭ قىزىل ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىنغان، 359- لۈينىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى قاتارلىق مەدەنىيەت- ساياھەت يەر بەلگىسى ۋە پاختا، چىلان قاتارلىق يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى يۇغۇرۇلۇپ، 1- شى ئارال شەھىرىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان جەلپكارلىقى نامايان قىلىنغان.