تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سەن دېگەن بىر بالا تۇرساڭ، قانداقسىگە خامۇشلۇق كېسىلى بولۇپ قالىسەن؟ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋال ...

   «كىچىك بالىنىڭ نېمە غېمى بولاتتى؟ بىز چوڭلارغا ئوخشاش ھەم ئالدىراش، ھەم جاپالىق خىزمەت قىلمىسا ...»

   «مېنىڭچە ئۇنىڭ چوقۇم يان تېلېفون ئوينىغۇسى كېلىپ مەكتەپكە بارمايدىغانغا ھەر خىل بىئاراملىق باھانىلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ ...»

   «دوختۇرخانىدا ياتسۇن؟ دورا يېسۇن؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆگىنىشىنى قانداق قىلىمىز؟»

   چوڭلار ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى خامۇشلۇقنى ناھايىتى تەستە چۈشىنىدىغاندەك قىلىدۇ، بىر جۈملە «بالىلارنىڭ نېمە غېمى بولسۇن» دېگەن سۆز ئەسلىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كەيپىيات مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ؛ بىر جۈملە «مەكتەپكە بارماسلىققا باھانە ئىزدەۋاتىدۇ» ئەسلىدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك كەيپىيات مەسىلىسىگە بىر قالپاق كىيدۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. ..... ياش-ئۆسمۈرلەر راستىنلا غەمنىڭ «تەمى»نى بىلمەمدۇ؟

كېسەللىك ئالامىتىدىن مەخپىيەتلىكنى يېشىش

ياش - ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق دېگەن نېمە

   خامۇشلۇق توسالغۇسى (Depressive disorder) ھەر خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، روشەن ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان روھىي چۈشكۈنلۈكنى ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىك قىلغان بىر خىل روھىي توسالغۇنى كۆرسىتىدۇ. كىلىنىكىدا ئاساسلىق ئىپادىسى ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغان روھىي ھالىتى تۆۋەن بولۇش، كۆڭلى بىئارام بولۇشتىن قاتتىق قايغۇرۇشقا ئۆتۈش، ھەتتا ياغاچتەك قېتىپ تۇرۇش، قىسمەن ئاغرىقلاردا روشەن تەشۋىشلىنىش ۋە ھەرىكەت خاراكتېرلىك جىددىيلىشىش، ئېغىر بولغانلىرىدا خىيالىي تۇيغۇ، خام خىيال قاتارلىق روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن ئاغرىقلاردا ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قىلمىشى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا شۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

   چېرچىلنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: «قەلبىمدىكى دەرد - ئەلەم خۇددى قارا ئىتقا ئوخشايدۇ، پۇرسەت بولسىلا مېنى چىشلەپ قويۇپ بەرمەيدۇ.» روشەنكى، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، خۇددى سايىدەك ئەگىشىپ يۈرىدىغان «قارا ئىت» چاپلىشىۋالغاندەك، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ۋە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.

   ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنىدە ياشايدىغان «قارا ئىت»لار چوڭلارنىڭ بەدىنىدىكى «قارا ئىت»تەك ۋەھشىي ئەمەس. ياش - ئۆسمۈرلەر توپى ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياش - ئۆسمۈرلەر مۇستەقىللىققا ئىنتىلىشكە باشلايدۇ، بالىلىق دەۋرىدىكىدەك ئاتا - ئانىسىغا يۆلىنىۋالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇلاردا «ئۆيدىن ئايرىلىش يۈزلىنىشى» پەيدا بولىدۇ، پىسخىكا جەھەتتە مەلۇم «بېكىنمىچىلىك»نى ئىپادىلەيدۇ، ئۇلار ئاسانلىقچە سىرتقا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئوي - پىكرى ۋە ھېسسىياتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ. ھالبۇكى، دەل فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، ياش ـ ئۆسمۈرلەردە بۇ مەزگىلدە ئاسانلا كەيپىيات داۋالغۇشى كۆرۈلىدۇ: ئۇلار ھەم باشقىلارنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى ۋە باھالىشىدىن قورقىدۇ؛ ھەم مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەم ئاتا ـ ئانىسىغا تايىنىشتىن قۇتۇلالمايدۇ، بۇ خىل زىددىيەت ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ھېسسىيات دۇنياسىنى مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان قىلىدۇ.

   زىددىيەتلىك، سەزگۈرلۈك، مۇستەقىللىككە ئىنتىلىش ھەم مۇستەقىللىككە ئامالسىز قېلىش، گۆدەكلىك بىلەن پىشىپ يېتىلىش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ... بۇ خىل پىسخىكا بۇ مەزگىلدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنى روھىي جەھەتتىن ئازابلايدۇ، ناۋادا بۇ خىل پىسخىكا ئۇزاق ۋاقىت چاپلىشىۋالسا ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىسا، ئۇلار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا «قارا ئىت» ئاستا - ئاستا پەيدا بولۇپ، ئازاب ئىچىدە تىركىشىۋاتقان ياش - ئۆسمۈرلەرنى چىشلەيدۇ، «قارا ئىت» چىشلىۋالغان ياش - ئۆسمۈرلەر دائىم ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان بالا، دەپ ئاتىلىدۇ.

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن

   جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىسخىكا تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان «2024 - يىللىق بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇقىنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى قىيىن نۇقتىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، كەيپىياتى توسالغۇغا ئۇچرىغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغان بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر ئىچىدە، رۇخسەت سوراش كەچۈرمىشى بارلار %82.3نى، ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاش كەچۈرمىشى بارلار %53.85نى ئىگىلىگەن، ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاش  ئوتتۇرىچە قېتىم سانى 1.71 قېتىم بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاشتىكى ئوتتۇرىچە ياش 13.74 ياش ئىكەن، ئاساسلىقى 14 ياشقا مەركەزلەشكەن.

توردا كۆزىتىش

ياش - ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇقنىڭ قانداق ئىپادىسى بار

   گەرچە ھەممىسى خامۇشلۇق كېسىلى بولسىمۇ، لېكىن ياش - ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق بىلەن چوڭلاردىكى خامۇشلۇقنىڭ ئىپادىسىدە بىر قەدەر چوڭ پەرق بولىدۇ، تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ياش - ئۆسمۈرلەردە تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ:

   (1) ئاسان تېرىكىش ياكى غەزەپلىنىش كەيپىياتى

   چوڭلاردىكى خامۇشلۇقتا ئىپادىلىنىدىغان چۈشكۈنلۈككە ئوخشىمايدىغىنى، ياش - ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق ئادەتتە غەزەپلىنىش كەيپىياتىنى ئاساسلىق ئىپادە قىلىدۇ. سۆزلەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب ھەمىشە غەزەپلىنىش، چىرقىراشتىن ئىبارەت بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان كەيپىيات شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، گويا پەقەت مۇشۇنداق ئۇسۇل بولغاندىلا، ئۇلار ئاندىن تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ.

   (2) چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان بەدەن ئاغرىقى

   ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ كەيپىياتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچكى كەيپىياتى مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل. ئىپادىلەنمىگەن كەيپىيات بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، تەدرىجىي ھالدا بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان بىئاراملىققا ئايلىنىدۇ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئاشقازان ئاغرىش ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدىغان كۈندىلىك ئاغرىقىغا ئايلىنىدۇ.

   (3) ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاجىزلاش، ئۆگىنىش قىيىنلىشىش

   خامۇشلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئۆگىنىشنىڭ قىيىنلىشىشىمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ھالەتنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، ئەڭ يېنىك قەلەمنى تۇتۇشمۇ، تاماق يەيدىغان قاچىنى كۆتۈرۈشمۇ ئۇلارنىڭ بارلىق كۈچىنى خورىتىۋېتىدۇ، دەرس ئاڭلاش ۋە ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ خىل مېڭىنى خورىتىدىغان ئىشنى دېمەيلا قويايلى.

   (4) ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ ئۆلۈۋېلىش

   خامۇشلۇق كەيپىياتى تۈركۈم-تۈركۈملەپ پەيدا بولىدۇ، ئەمما شۇ كەيپىياتنى تۈگىتىش ئېغىزى پەقەت بىرلا خىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرەككە كەلمەيدۇ، ئازاب يىغىلىپ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىگە يەتكەندە، ئۆزىنى يارىلاندۇرۇش، ئۆلۈۋېلىش ئۇلارنىڭ ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلىغا ئايلىنىدۇ.

سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش

ياش - ئۆسمۈرلەر نېمە ئۈچۈن خامۇشلۇققا گىرىپتار بولىدۇ

   1. ئىرسىيەت ئامىلى: خامۇشلۇقنىڭ ئۇرۇقى

   ئەگەر جەمەتىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللىك بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى باشقا بالىلارغا قارىغاندا 3~2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بىراق، ئىرسىيەت ئامىلى پەقەت خامۇشلۇقنىڭ ئۇرۇقى، ئەگەر كېيىن پەيدا بولغان ئامىللارنىڭ قوزغىتىشى بولمىسا، بۇ ئۇرۇق بىخلىنىپ يىلتىز تارتمايدۇ.

   2. ئائىلە ئامىلى: بىخ سۈرىدىغان تۇپراق

   ئاغرىق بالىنىڭ كۆپ ھاللاردا بىر ئاغرىق ئائىلىسى بولىدۇ. «2023 - يىللىق ئومۇمىي خەلق خامۇشلۇق كېسىلى كۆك تاشلىق كىتابى»دا، %63 ئوقۇغۇچى ئاغرىقنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقى، سەل قارالغانلىقى، غەمخورلۇق كەمچىل بولغانلىقى، يەنە ئائىلە توقۇنۇشى ۋە ئائىلە زۇلمى ئېلىپ كەلگەن تەسىر بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. ياش - ئۆسمۈرلەر بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا تايىنىدۇ، ئاتا - ئانىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماسلىق، بالىلارغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇش، ئائىلە زۇلمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇقنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە رەسىم، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   3. مەكتەپ ئامىلى: بىخلىنىپ يىلتىز تارتىدىغان «ئوزۇقلۇق»

   ھەر كۈنى تەكرارلىنىدىغان تۈگىمەس ئۆگىنىش، ئىمتىھان، مۇرەككەپ مەزمۇن، بىرلا خىل شەكىل، ئۇنىڭغا قوشۇلغان «ئەمەلىي ئۆگىنىش پائالىيىتى» كەمچىل بولۇش، ئۆگىنىشتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، زىيادە بېسىمدا چوڭ بولۇش قاتارلىق ئامىللار ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىدىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭ تارتىپ تۇرىدۇ، ناۋادا سەل قاراش ياكى زومىگەرلىككە ئۇچراش ۋە ياكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، ساۋاقداشلار مۇناسىۋىتى جىددىي بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسىلا، بۇ تارا «ئۈزۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن».

ھەرىكەتكە كېلىش

ياش - ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇققا قانداق تاقابىل تۇرىمىز

   1. ئائىلە باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى

   ئائىلە باشلىقى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى. «2024 - يىللىق بالىلار، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، %40 (%41.8)تىن ئارتۇق ئاتا - ئانا بالىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈچ قېتىم ياردەم تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنى داۋالاتقان، ئەمەلىيەتتە، ۋاقتىدا قوللاش ئاتا - ئانىلار قىلالايدىغان ئەڭ ئاددىي ئىش.

   2. مەكتەپ مۇھىتى

   مەكتەپ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، شۇنداقلا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىتى يارىتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى.

   3. دوختۇرخانىدا داۋالاش

   دوختۇرخانا ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىرىكى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە، ۋاقتىدا ئارىلىشىش ياش ـ ئۆسمۈرلەر خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، «پىسخىكىلىق داۋالاش + دورا بىلەن داۋالاش» ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى.

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە رەسىم، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   ئەڭ مۇھىمى، «ئائىلە ـ مەكتەپ ـ دوختۇرخانا» بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش لازىم. دوختۇر قېلىپلاشقان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئۇسۇلى تېخنىكىسى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ئازابىنى يېنىكلىتىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ، لېكىن دوختۇر ئاتا - ئانا ۋە مەكتەپنىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ، قۇرداشلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش، جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش رولىنىمۇ ھازىرلىيالمايدۇ. شۇڭا، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ «قارا ئىت»نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ئۈزۈل ـ كېسىل ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتكە قايتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «ئائىلە ـ مەكتەپ ـ دوختۇرخانا»دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلىشىپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تورىنى ئورتاق قۇرۇش كېرەك.

ئاپتور: دۇ جىڭ، تۇڭجى داشۆسى قارىمىقىدىكى تۇڭجى دوختۇرخانىسى پىسخىكىلىق داۋالاش دوختۇرى

نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: لى چىڭۋېي، تۇڭجى داشۆسى قارىمىقىدىكى تۇڭجى دوختۇرخانىسى شاڭخەي شەھەرلىك روھىي ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋراچى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.