تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۆگە بېقىش خاتىرىسى − كوپىراتىپ ئەزالىرىغا ھەر يىلى پايدا تەقسىملەندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

«بۇلتۇر بىز كوپىراتىپ ئەزالىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملىدۇق، بۇ يىل كۆپىيىدۇكى، ئازايمايدۇ.» 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بۇ يىللىق تىجارەت ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا، قومۇل شەھىرىنىڭ ئارا تۆرۈك ناھىيەسى باي يېزىسىدىكى جۇڭخې تۆگە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى قاسىم ئەمەت ھېسابات دەپتىرىنى كۆرسىتىپ، خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

60 ياشتىن ئاشقان قاسىم باي يېزىسىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، كىچىكىدىن مال بېقىپ چوڭ بولغان بولۇپ، كالا، قوي، تۆگە بېقىشنىڭ كەسىپ ئەھلى.

2015 - يىلى، قومۇل شەھىرى، ئارا تۆرۈك ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشىدا، باي يېزىسى ھەربىر نامرات ئائىلىگە ئىككىدىن تۆگە تەقسىم قىلىشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى ھەم باي يېزىسى جۇڭخې تۆگە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۆگىلىرىنى بىرتۇتاش بېقىپ ۋە باشقۇرۇپ، يىل ئاخىرىدا نامرات ئائىلىلەرگە پايدا تەقسىملەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

كوپىراتىپقا كىم باش بولىدۇ؟ يۇرتداشلار بىردەك قاسىمنى كۆرسەتتى. يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىمۇ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، باقمىچىلىق سەۋىيەسى يۇقىرى قاسىمنى مۇۋاپىق نامزات دەپ قارىدى.

«تۆگىنى قانداق بېقىشنى بىلىمەن، لېكىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ باقمىغان. ئۇ چاغدا مېنىڭ بېسىمىم بەك ئېغىر ئىدى» قاسىم مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا نەچچە كۈن ئويلىنىپ، ئاخىر ماقۇل بولدۇم.

تۆگە بېقىش باي يېزىسىدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىسى. چارۋىچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۆگە ئۆي كۆچكەندە كەم بولسا بولمايدىغان ياخشى ياردەمچى. بىراق ھەممە ئائىلە ئادەتتە ئىككى - ئۈچ تۆگىنى باقىدۇ، بىرىنچىدىن باشقۇرۇش ئاسان، ئىككىنچىدىن تۆگە سۈتى ساتسا ئازراق پۇل تاپقىلى بولىدۇ.

«قوي - كالىلار ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، كۆپچىلىك ياخشى باقالايدۇ. ئەمما تۆگىنى ياخشى بېقىش ئاسان ئەمەس، بىر توپ تۆگىنى ياخشى بېقىش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس.» قاسىم مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا تۆگە بېقىپ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى.

بىر توپ تۆگىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىشتا، ئاۋارىچىلىك ئىشلار كەينى - كەينىدىن يۈزبەردى، يەنى: يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، ئادەم ياللاپ ئىشلىتىش، تۆگە سۈتىنى يېڭى پېتى ساقلاش، تۆگە تىۋىتىنى يىغىپ ساقلاش، بازاردا سېتىش... قاسىم ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش بولۇپ، تولا قاتراپ ھېرىپ كەتتى، يۈزلىرى قارىداپ كەتتى.

2017 - يىلى، ئارا تۆرۈك ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق، خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كارخانىسى بولغان شىنجاڭ جۇڭتو بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا، جۇڭتو شىركىتى جۇڭخې تۆگە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن تۆگە سۈتى سېتىۋېلىش زاكازى ئىمزالاپ، بازار باھاسى بويىچە سېتىۋالدى.

تۆگە سۈتى سېتىش مەسىلىسى تېزلا ھەل بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا قەدەم قويدى.

«ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، جۇڭتو شىركىتى سېتىۋالغان تۆگە سۈتىنىڭ بىر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 50 يۈەن بولدى، ھازىر بازار ئەھۋالىغا قاراپ، ھەر كىلوگىرامى 30 يۈەندىن بولۇۋاتىدۇ» دېدى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئارا تۆرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇزكۆل بازىرىغا جايلاشقان جۇڭتو شىركىتىنىڭ تۆگە سۈتى سېتىۋېلىش سېخىدا، يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ تۆگە سۈتى ساتقىلى كەلگەن قاسىم.

ئاپتوموبىلدىكى سۈت ساقلاش باكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭتو شىركىتى تۆگە باققۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن، بىر سۈت ساقلاش باكىغا 100 كىلوگىرام تۆگە سۈتى قاچىلىغىلى بولىدۇ.

«بۇ بىرنەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، كوپىراتىپىمىزدا 800 دىن ئارتۇق تۆگە بار بولدى، ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت مىقدارى مۇقىم بولدى، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ كىرىمى يىلدىن يىلغا ئاشتى» دېدى قاسىم.

جۇڭتو شىركىتى قومۇل شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، ھەر يىلى شۇ جايدىكى 2000دىن ئارتۇق تۆگە باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، نۇرغۇن ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىسى كۆلەملىك باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇردى، 100دىن ئارتۇق تۆگىسى بار «چوڭ ئائىلە»لەر شۇ جايدا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.

«باي يېزىسى بىلەن زاۋۇتىمىزنىڭ ئارىلىقى 100 كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدۇ، ئىلگىرى چارۋىچىلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېلىپ تۆگە سۈتى ساتاتتى، بىر قېتىم بېرىپ كېلىشكە يېرىم كۈن كېتەتتى. 2021 - يىلى 6 - ئايدا G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى، باي يېزىسى G7 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا يېقىن بولغاچقا، بىر بېرىپ كېلىشكە تۆت سائەتلا كېتىدىغان بولۇپ، كۆپ قولايلاشتى.» جۇڭتو شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ ياڭ مۇنداق دېدى: تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول تورىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ تۆگە سۈتى سېتىۋېلىش دائىرىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيدى، «شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىز تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

توققۇز يىل ۋاقىتتا، جۇڭخې تۆگە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆزگە چېلىقمايدىغان تۆگە قوتىنىدىن تەرەققىي قىلىپ، ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولغان، 1100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان سۈت سېغىش زالى بار بولغان، يەنە ئالاقىدار ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىشخانىسى سەپلەنگەن تۆگە باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندى، باي يېزىسىدىكى 22 كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. 2023 - يىلى، جۇڭخې تۆگە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەسئۇل بولغان، ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك چارۋىچىلىق خىزمىتى مۇلازىمەت مەركىزى، جۇڭتو شىركىتى قاتناشقان «دۆلەت سۈت تۆگىسى باقمىچىلىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» تۈرى 11 - تۈركۈمدىكى دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تۈرى بولۇپ تەستىقلاندى.

«بۇ يىل پايدا تەقسىملەپ بولغاندىن كېيىن، بىز يەنە بىر تۈركۈم تۆگە سېتىۋېلىپ، كۆلەمنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلەيمىز» دېدى قاسىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.