تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كۆچۈرۈلگەن دېھقان پۈتۈن زېھنى بىلەن تېخنىكا ئۆگىنىپ، كۈزلۈك چىلان ئۆستۈرۈشتىكى ياخشى ماھىرغا ئايلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە، قۇياش نۇرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرى خۇالىڭ كۈزلۈك چىلان بازىسىغا چۈشكەندە، ئابدۇرۇسۇل ئايمەت ئائىلىسىدىكىلەر ئۈزگەن كۈزلۈك چىلانلار ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنىڭ كوزۇپىغا لىق قاچىلانغانىدى.

پارقىراپ تۇرغان كۈزلۈك چىلاندىن بىر سىقىم ئېلىپ قارىغىنىدا، ئابدۇرۇسۇلنىڭ كۆڭلى ھەسەل يېگەندىنمۇ شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمدى. ئۇ ئىككى قولىنى ئېچىپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ قوللىرىمدىن خېلى ئىش كېلىدىكەن - ھە، بۇ يىل شۇنچە كۆپ كۈزلۈك چىلان دەرىخىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۆددىگە ئالدىم!»

29 ياشلىق ئابدۇرۇسۇل ئاقتاش بازىرى ۋالۋا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخىشۇ يېزىسىدىكى چەت، يىراق تاغلىق رايوندا ياشاپ كەلگەن، 2018 - يىلى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەن. تاغدىن چۈشۈپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، قاتناش، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق شارائىتلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاندى، ئائىلىدە چوڭ ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئابدۇرۇسۇل قانداق قىلغاندا كۆپرەك پۇل تېپىپ، بىر ئائىلىدىكى ئالتە جاننىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈستىدە باش قاتۇردى.

بۇلتۇر ئەتىيازدا، ئابدۇرۇسۇل ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى خۇالىڭ كۈزلۈك چىلان بازىسىغا ئىشلىگىلى بارغاندا، بۇ بازىدىكى خۇالىڭ قاغىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىك خادىمى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «سىز ئىزچىل ئۇششاق - چۈششەك ئىش قىلىۋاتىسىز، كىرىمىڭىز چەكلىك بولۇۋاتىدۇ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىسىڭىز، چىلان دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئاندىن چىلانزارلىقنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۆزىڭىز ئىشلەڭ» دېدى.

بۇ سۆز ئابدۇرۇسۇلنى ناھايىتى قىزىقتۇردى، چۈنكى خۇالىڭ كۈزلۈك چىلان بازىسىدا ئۆستۈرۈلگەن 1 - قارارلىق 1100 مو يەردىكى كۈزلۈك چىلانلار تەدرىجىي مېۋە بېرىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، كۈزلۈك چىلان بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ، ھەر كىلوگىرامى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 35 يۈەندىن سېتىلدى. بىر مو كۈزلۈك چىلاننى ھۆددىگە ئالسا 3000 يۈەن پەرۋىش ھەققى تاپقىلى بولاتتى، مەھسۇلاتنى ئاشۇرسا يەنە قوشۇمچە مۇكاپات بېرىلەتتى.

كۈزلۈك چىلاننىڭ ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىشقا بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئابدۇرۇسۇل بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن كۈزلۈك چىلاننىڭ ھەر قېتىملىق ئوغۇتلاش، سۇغىرىش ۋاقتىنى ئۈن - تىنسىز خاتىرىلىدى، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇتاش، بىخنى ئېلىۋېتىش، چاڭلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلارنى قىلىپ سىناپ باقتى. بىر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇ چىلانزارلىقنى ھۆددىگە ئېلىشقا بولغان ئىشەنچىم يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، تېخنىكا جەھەتتە پەقەت يۈزەكىلا ئۆگەندىم، دەپ قارىدى.

خۇالىڭ قاغىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ فېڭجىڭ ئابدۇرۇسۇلغا: «دادىل ئىشلەڭ، تېخنىكىغا پىششىق بولمىسىڭىز ئۇستام يېتەكلەيدۇ» دېدى. ئابدۇرۇسۇل چىشىنى چىشلەپ، 45 مو چىلانزارلىقنى ھۆددىگە ئالدى، ھەر مو يەردە 700 تۈپتىن ئارتۇق چىلان دەرىخى بار بولۇپ، ئۇ 30 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۈزلۈك چىلان دەرىخىنى پەرۋىش قىلىشى كېرەك ئىدى.

بۇ يىل ئەتىيازدىن كۈزگىچە، ئابدۇرۇسۇل ھەر كۈنى دېگۈدەك كۈزلۈك چىلانزارلىقتا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى. كېچىدە سۇغارغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆيگە قايتماي، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنىڭ كوزۇپىدا ئۇخلىدى. ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە ئۇنىڭ خوتۇنى، ئىنىسى، ئاتا - ئانىسى كېلىپ ياردەملەشتى.

ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، كۈز پەسلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شاخلارغا پاتماي قالغان كۈزلۈك چىلانلار تەدرىجىي قىزاردى، مۆلچەرلىنىشىچە مو بېشى ھوسۇلى بىر توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، مو بېشىدىن 800 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىشتىن ئىبارەت دەسلەپكى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتى.

بۇ نەچچە كۈندە، ئابدۇرۇسۇل بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر كۈنى چىلانزارلىقتا كۈزلۈك چىلان ئۈزدى، ئەتىگەندە ئۈزگەن كۈزلۈك چىلانلار خۇالىڭ قاغىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە يەتكۈزۈلدى، چۈشتىن كېيىن ئايرىپ ئوراپ قاچىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلدى. «بۇ يىل، مەن يەنە ئىككى شاگىرت يېتەكلىدىم، ئۇلارمۇ كېلەر يىلى چىلانزارلىقنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۆز ئالدىغا ئىشلەيدۇ» دېدى ئابدۇرۇسۇل.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.