10-ئاينىڭ بېشىدا، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق يېزىسى توغراقلىق كەنتى پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2023-يىللىق پايدا تەقسىملەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، كەنت ئاھالىلىرى خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.
نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەھسۇلات قىممىتى ۋە پايدىدا قوش ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەنت ئاھالىلىرى قولىدىكى پايدا تەقسىماتىغا قاراپ خۇشاللىقىدىن يايراپ كەتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى پايدا تەقسىملەش ئومۇمىي سوممىسى 168 مىڭ 700 يۈەن بولۇپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ تارقىتىلغان.
توغراقلىق كەنتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى فۇ جيالې مۇنداق دېدى: «2023-يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 600 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، پايدا تەقسىملەش پىرىنسىپى بويىچە، %60ىنى پاي قوشقان كەنت ئاھالىلىرىگە پايدا تەقسىملەشكە ئىشلەتتۇق، بۈگۈن بىز 2-گۇرۇپپىدىكى پايچىكلارغا پايدا تەقسىملەپ بەردۇق، ھەربىر كىشىگە 1000 يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىم قىلىندى. بىز كېلەر يىلى كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىمىز».
توغراقلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت ياسىن مۇنداق دېدى: «مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، كېيىنكى مەزگىلدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىمەن».
(چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى كېرەمجان ئەنۋەر، باھارگۈل مۇتەللىپ، ئىختىيارىي مۇخبىر رېيىم راخمان)