تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

«قوي يۇيۇندۇرۇش»تىكى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش


  كۈز پەسلى چارۋىلاردا پارازىت قۇرت راسا كۆپىيىدىغان مەزگىل، شۇنداقلا قويلارنى دورا بىلەن يۇيۇپ دېزىنفېكسىيەلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قوي پادىلىرىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تېكەس ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 700 مىڭدىن ئارتۇق قوينى دورىدا يۇيدى. يېقىندا، تېكەس ناھىيەسىنىڭ چىلئۆزەك بازىرى باقالىق كەنتىدىكى دورىدا يۇيۇش نۇقتىسىدا، خىزمەتچى خادىملار قولىدىكى سايمان بىلەن دورىلىق يۇيۇش كۆلچىكىدىكى قويلارنىڭ كۆلچەكتىكى ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تىزگىنلەپ، دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ قويلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە سىڭىپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر قازىزا)

چارۋىچىلار قويلارنى دورىدا يۇيۇش ئۈچۈن دورىدا يۇيۇش نۇقتىسىغا ھەيدەپ كەلمەكتە.

چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى قوتانغا ئېلىپ كىرىپ دورىدا يۇيۇشقا تەييارلانماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.