تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھەيران قالارلىق كۈز مەنزىرىسى! فۇشىڭ ناملىق پويىز ئالتۇن رەڭ شاللىقتىن ئۆتمەكتە

ئالتۇن كۈز پەسلى  مول ھوسۇل شادلىقى مەزگىلى

تۆمۈريول بويى رەڭدار تۈسكە كىرگەن بولۇپ

غايەت زور پولات ئەجدىھا ئالتۇن رەڭ شاللىقتىن  ئۆتكەندە

گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى

قايتا ئۇلاپ يۈرۈشتۈرۈلگەن فۇشىڭ ناملىق پويىز خۇەيخۇا تۇڭۋەن بازىرى فېيجياتيەن كەنتىدىن ئۆتمەكتە، يېزا-قىشلاق كۈز مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەللىككە تولغانىدى. لياڭ يابەي فوتوسى

خەينەن ئارال ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان فۇشىڭ ناملىق پويىز شاللىق بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندى. سەي جىڭ فوتوسى

شاڭخەي ـ كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا، قايتا ئۇلاپ يۈرۈشتۈرۈلگەن فۇشىڭ ناملىق پويىز خۇنەن ئۆلكىسى جۇڭفاڭ ناھىيەسىنىڭ شىنجيەن بازىرىدىن ئۆتمەكتە. لى شياۋپىڭ فوتوسى

خاڭجوۋ - شېنجىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان سۆسۈن رەڭلىك فۇشىڭ ناملىق پويىز ئالتۇن رەڭ شاللىقتىن ئۆتمەكتە. لۈ جيېچېن فوتوسى

  دولقۇنلىنىپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ شاللىقنىڭ ئۇ چېتىگە كۆز يەتمەيتتى

  ئۇ خۇددى قۇياش نۇرىدىن ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان دېڭىز - ئوكيانغا ئوخشاپ قالغانىدى

  ھەر بىر تۈپ شالنىڭ باشىقى تولۇق دان تۇتقان بولۇپ

زېمىننىڭ كۈز پەسلىدە ئەڭ سېخىيلىق بىلەن قىلغان ھەدىيەسىدۇر

جەنجياڭ - خەينەن لىنىيەسى بويىدىكى دولقۇنلاپ تۇرغان شال باشاقلىرى. زوۋ شۈخۇي فوتوسى

 شاللار مەيىن شامالدا يېنىك ئىرغاڭلاپ

  گويا تۆۋەن ئاۋازدا «مول ھوسۇل ناخشىسى» ئېيتىۋاتاتتى

دېھقانلار شاللىقتا موكىدەك ئۆتۈشۈپ

زېمىننىڭ شائىرلىرى كەبى

قان ـ تەرى بىلەن

  مول ھوسۇل توغرىسىدىكى گۈزەل داستاننى پۈتۈپ چىققانىدى

جەنجياڭ - خەينەن لىنىيەسى بويىدا، دېھقانلار شال ئورۇماقتا. زوۋ شۈخۇي فوتوسى

پويىزنىڭ غۇيۇلداپ ئۆتۈشىدىكى شامالدا

قاتمۇقات شاللىق دولقۇنلاندى

زېمىن گويا پويىز بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى

  بۇ ئۇسسۇلدىكى ئالتۇن رەڭ بولسا

  جاپالىق ئەمگەككە قىلىنغان مەدھىيە ئىدى

فۇشىڭ ناملىق پويىز خۇنەن خۇەيخۇادىكى گۈزەل كەنتتىن ئۆتمەكتە. لى شياۋپىڭ فوتوسى

  بۇ كۈز پوسۇلكىسىدا

  پويىزنىڭ «خاس» پەسىل گۈزەللىكى بار

  ئاشۇ قېنىق ۋە سۇس بولغان يېشىل، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قىزىل رەڭلەر

  ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ

رەڭدارلىق، جىمجىتلىق

  گۇڭگا ھەم رومانتىك ئىدى

پويىزنىڭ رەڭدار كۈز مەنزىرىسدىن  ئۆتۈشى

پەقەت بىر بۆلەك سەپەر بولۇپلا قالماي

بىر مەيدان كۈز بىلەن بولغان رومانتىك ئۇچرىشىشتۇر

  بىز سەپەر جەريانىدا

   دېرىزە سىرتىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىمىزدا

   تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە سىرلىقلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

  «تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.