ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۈي
10-ئاينىڭ 8-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسى نوم بازىرىدىكى خۇيفېڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قورۇسىغا كىرگەندە، بىرنەچچە يۈرۈش بىر قەۋەتلىك ئۆينىڭ ئالدىدا، بىر قاتار دەرەخنىڭ شاخلىرىدا ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلار ئېسىلىپ تۇراتتى، يېشىللىقىنى تېخى يوقاتمىغان ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، پاكىز، رەتلىك تىزىلغان ئارام ئالىدىغان ئۈستەل-ئورۇندۇقلار بار بولۇپ، ئىككى مېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى كاۋاپداننىڭ ئوتى تېخى ئۆچمىگەن ئىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ما خەيبو مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى كۈندە، گۇيجوۋدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئىشنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، بىز مەخسۇس ئۈستەل-ئورۇندۇق، كاۋاپداننى يۆتكەپ چىقىپ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى بىلەن زىياپەت بېرىپ ئۇزىتىمىز».
ما خەيبو باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2009-يىلى نوم بازىرىغا كېلىپ قوغۇن تېرىغان، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، ئۇنىڭ قوغۇن تېرىش كۆلىمى يىلدىن-يىلغا كېڭىيىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 موغا يەتكەن. بۇ يىل ئۇ 1600 مو يەرگە قوغۇن تېرىدى.
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياڭ دېخۇي (ئوڭدا) ئىشلەمچىلەر ئەترىتىدىكى ھەمراھلىرىنى باشلاپ خۇيفېڭ دېھقانلار كەسپىي تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا قوغۇننى قاچىلاپ توشۇماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي فوتوسى
«بىزنىڭ نوم قوغۇنىنىڭ سورتى كەنجى سورت، ئادەتتە 9-ئايدىن باشلاپ ئۈزۈۋېلىپ بازارغا سالىمىز. نوم قوغۇنىنىڭ سۈپىتى ياخشى، ساقلاشقا چىداملىق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ» دېدى ما خەيبو.
نوم بازىرى شىنجاڭدىكى كەنجى قوغۇن مەركەزلىك تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. ما خەيبونىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھەم شىنجاڭ ئىچىدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بار، ھەم شىنجاڭ سىرتىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بار. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ما خەيبو ئۇلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
«1000 مودىن ئارتۇق يەرگە قوغۇن تېرىشقا خېلى كۆپ ئادەم كېتىدۇ. قوغۇننى ياخشى تېرىش ئۈچۈن، قوغۇن تېرىش ماھارىتىگە پىشقان بولۇش كېرەك. بۇ ئون نەچچە يىلدا، بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ يۇرتداشلار بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئىچىدە يەنە گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر توپ مياۋزۇ قېرىنداش بار، ئۇلار ھەر يىلى كېلىدۇ، خۇددى مەن بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ» دېدى ما خەيبو.
ما خەيبو ئېيتقان «مياۋزۇ قېرىنداشلار»نىڭ باشلامچىسى دەل ياڭ دېخۇي ئىدى. شۇ كۈنى، ئۇ ئون نەچچە ھەمراھىنى باشلاپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا قوغۇن توشۇۋاتاتتى.
«شىنجاڭ ياخشى جاي، گۈزەل مەنزىرە، مەززىلىك تائاملار كۆپ. شىنجاڭلىقلار خۇشخۇي، قىزغىن ئىكەن، ناھايىتى ياخشى». قوغۇن توشۇش ئارىلىقىدا، ياڭ دېخۇي پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەچ شۇنداق دېدى.
2012-يىلى، 20 ياشلاردىكى ياڭ دېخۇي نوم بازىرىغا ئىشلىگىلى كېلىپ، ما خەيبونىڭ قوغۇنلۇقىدا يېرىم يىل ئىشلىدى. ئۇ ئىش قىلغاندا كۈچىنى ئايىمىغاچقا، ما خەيبونىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
«بۇ يىگىت ئىشنى چاققان قىلىدىكەن، جاپادىن قورقمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ گۇيجوۋدىن شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىشىمۇ ئاسان ئەمەس. مەن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى قارار قىلدىم، شۇ چاغدىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئىش ھەققى نوم بازىرى بويىچە ئىزچىل بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ كەلدى» دېدى ما خەيبو.
نومدا ئىشلەپ پۇل تاپقاندىن كېيىن، ياڭ دېخۇي يۇرتىغا قايتىپ بىرنەچچە ھەمراھىنى باشلاپ بىللە كېلىشنى قارار قىلدى. شۇ باشلىغانچە ئون نەچچە يىل يۇرتداشلىرىنى باشلاپ كېلىپ ئىشلىدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا كەنتتىكى 50-40 مياۋزۇ يۇرتداش ئۇنىڭغا ئەگىشىپ نومغا كەلدى.
«ھازىر 6000-5000 يۈەن مائاش ئالىمەن، ھەمراھلىرىممۇ ھەر ئايدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق ئالىدۇ. بۇ يەردە ئىشلىسە، كېسەل كۆرسەتكەندە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، ئۆيگە قايتسا پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشقا ياردەم پۇل بېرىدۇ، يەنە بىز بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى مەخسۇس تاماققا مەسئۇل قىلىپ، بىزنى ھەر ۋاقىت يۇرتىمىزنىڭ تامىقىنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېدى ياڭ دېخۇي.
«ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز ئۇلارغا تارقاتقان مائاشقا خىزمەت ئىستاژى ياردەم پۇلى كۆپەيتىپ بەردۇق، ھەر ئايدىكى ئاساسىي مائاشى 5000 يۈەن، بىر يىل ئارتۇق ئىشلىسە ھەر ئايدا 100 يۈەندىن كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ» دېدى ما خەيبو. بۈگۈنكى كۈندە، ياڭ دېخۇي يېتەكلىگەن بۇ بىر توپ «مياۋزۇ قېرىنداشلار»نىڭ ھەممىسى قوغۇن-تاۋۇز تېرىشنىڭ ياخشى ھۈنەرۋەنلىرىگە ئايلاندى، «كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى يېقىن، ئۇلارمۇ بىزنىڭ غېمىمىزنى يەيدۇ. بەزىدە مېنىڭ ئېتىزغا بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، ئىشلارنى ئۇلار ئۆزلىرى قىلىپ بولىدۇ».
بۇ يىل نوم بازىرىنىڭ كەنجى قوغۇنىنىڭ بازار ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، قوغۇنچى دېھقانلار ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى پۇل تاپتى. «بىزنىڭ بۇ ئىشلەمچىلەر ئەترىتىمىزدە يەنە بىرنەچچە جۈپ ئەر-خوتۇن بار، ئۇلار يېرىم يىل ئىشلەپ، 70-60 مىڭ يۈەن تاپالايدۇ، بۇ كىرىممۇ يامان ئەمەس. گەرچە يۇرتۇمنىڭ كىلىماتى قوغۇن تېرىشقا ماس كەلمىسىمۇ، لېكىن يۇرتۇمدىكى نۇرغۇن كىشى قوغۇن تېرىشنى بىلىدۇ، ھەممىسى نومدا ئۆگەنگەن، كېلەر يىلى مەن يەنە تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەشكە يېتەكلەيمەن» دېدى ياڭ دېخۇي.