تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

70 يىل، بىڭتۇەن مۇشۇنداق مېڭىپ كەلدى

      سىز «بىڭتۇن» دېگەن بۇ ئىسىمنى قەيەردە ئاڭلىغان؟ ئاشۇ ئۇزۇن بىر قاتار «ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر» دېيىلىدىغان خەۋەرلەردىن ئاڭلىغانمۇ؟ ياكى «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋنىڭ بىر ئۆمۈر چىڭ تۇرغانلىقىدىن ئاڭلىغانمۇ؟ ياكى پاختىلارنىڭ ئاپئاق ۋە ئىللىقلىقىدىنمۇ؟ ياكى شائىر ئەي چىڭنىڭ قەلىمىدىكى «ياش شەھەر»دىنمۇ؟

  ئەي چىڭ قەلىمىدىكى «ياش شەھەر»شىخەنزە شەھىرى (2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ۋاڭ زىلىن فوتوسى

   2024-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 70 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، سىز بۇنىڭغا قىزىقامسىز؟ بۈگۈن، بۇ سىنغا ئەگىشىپ بىڭتۇەننىڭ 70 يىلىنى «كېسىپ» ئۆتەيلى. 

20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، شىخەنزىگە بوشلۇقتىن نەزەر.

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

    «سىلەر ھازىر ئۇرۇش قوراللىرىنى ساقلاپ قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قوراللىرىنى قولۇڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ. ۋەتەن ئېھتىياجلىق بولۇپ سىلەرگە چاقىرىق قىلغان ۋاقىتتا، مەن سىلەرگە ئۇرۇش قوراللىرىنى قايتىدىن ئېلىپ، ۋەتەننى قوغداش بۇيرىقى بېرىمەن». 1952-يىلى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر-جەڭچىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈردى، 105 مىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەر شۇ جايدا كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇردى.

20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرى بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلماقتا.

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

    1954-يىلى 10-ئايدا، مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

1954-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلدى. سۈرەتتە: ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى گۇاڭمىڭ يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئورگىنى.

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

      ئۇ چاغدىكى شىنجاڭ نامرات، قالاق، ئارقىدا قالغان بولۇپ، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى.

      ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ نامرات، قالاق، ئارقىدا قالغان قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش بىڭتۇەن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە دۇچ كەلگەن بىر مەيدان «قاتتىق جەڭ» بولدى.

  1964-يىلى، شىخەنزە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ليەندۈي ئەتراپىغا دەل-دەرەخلەرنى تىكىپ، قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاندى.

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

    تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قوشۇنلىرى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

1964-يىلى 2-ئايدا، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قوشۇنى چۆل-باياۋاننىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

 شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

    قاتار-قاتار گىرەلىشىپ كەتكەن سۇ باشلاش ئۆستەڭلىرى چۆل-باياۋاندا بارلىققا كەلدى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى زامانىۋىلاشقان دېھقانچىلىق مەيدانلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك قەد كۆتۈردى، نۇرغۇنلىغان سالا ئېتىزلار گىرەلىشىپ، قاتار-قاتار ياپيېشىل دەرەخلەر ئورمان بولۇپ، بۇغداي دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ، قوي-كالىلار توپ-توپ بولۇشتى...

1960-يىلى 9-ئايدا، تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلىق.

ياڭ شۆزۇ فوتوسى

    20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە، بىڭتۇەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۇنجى قېتىملىق شانلىق نەتىجىنى ياراتتى.

   ئۆكتەبىر تىراكتور زاۋۇتى، 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى، 1-ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، 1-ئاۋغۇست ئۇن زاۋۇتى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلار قەد كۆتۈردى، مىڭ يىل جىمجىت ياتقان تۇپراقتا تۇنجى قېتىم چوڭ سانائەت دەۋرىدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ياڭرىدى. كېيىن بۇ كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسمى يەرلىككە ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

1960-يىلى 12-ئاي، ئارال تراكتور رېمونت قىلىش زاۋۇتى.

ياڭ شۆزۇ فوتوسى

   1975-يىلى بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسى قۇرۇلدى.

  1981-يىلى، يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ جېن جياڭجۈن ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى دېڭ شياۋپىڭغا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا يازما تەكلىپ بەردى، شۇ يىلى يازدا يەنە دېڭ شياۋپىڭغا ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈردى.

  1981-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەسمىي ھۆججەت تارقىتىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى.

1982-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

   «ئەسكەر»لىك سالاھىيىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بىلەن، بىڭتۇەنلىكلەر شادلىققا چۆمدى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باھار شامىلى بىڭتۇەننى ئىللىتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىغا قەدەم قويغان بىڭتۇەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرنى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ھۆددىگە بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى گۈللەندۈرۈپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى ئالماشتۇرۇشنى ئېچىۋەتتى... تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بىلەن ئىككىنچى باھارنى كۈتۈۋالدى.

«1-ئاۋغۇست» يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ئىشلەپچىقارغان «مىفېڭ» ماركىلىق يۇڭ يىپ بازاردا بازىرى ئىتتىك تاۋارغا ئايلاندى (1982-يىلى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

   1990-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئايرىم پىلاننى يولغا قويۇشنى تەستىقلىدى. 2012-يىلى 10-ئايدا، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بىڭتۇەندىكى 13 يېزا ئىگىلىك شىسىنىڭ نامى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى * شىسى»دىن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى * شىسى»غا ئۆزگەرتىلدى.

  1990-يىلى 6-ئاي، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئورگىنىنىڭ ئىشخانا بىناسى.

جېڭ خۇا فوتوسى

     60 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان «يېزا ئىگىلىك» خېتى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى، بىڭتۇەن چوڭ قەدەم بىلەن شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە، زامانىۋى سانائەتنى تىرەك، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات ئۇسۇلىغا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى.

2016-يىلى 8-ئايدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ پۇياۋ يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى.

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت 

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئەسلىدىكى ئارال دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى شال ئورماقتا.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شى خۇڭشەن دېھقانچىلىق مەيدانى سەنتاڭخۇ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، تۇمشۇق تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى.

 شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

   تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر قېتىم بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، شىنجاڭ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

2000-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىخەنزە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى.

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەنگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، 2-قېتىملىق، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، كۆپ قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىشچىلار ۋۇجياچۈ شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ تيەنئې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقارماقتا.

لى خۇابېي فوتوسى

2023-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى 86-تۇەنىدىكى بىر تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

لۈ شيەنلىن فوتوسى

2021-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئارال شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تيەنيىڭ نېفىت-خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈستى ئوچۇق قاچىلاش سېخىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

سۈن گوچۈەن فوتوسى

     باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تەڭداشسىز» «يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۇەن خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» «تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شى 161-تۇەنىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى، «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋ چېگرانىڭ بىرىنچى سېپىدە چېگرانى خالىس چارلىماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

   ئىلگىرىكى نەتىجىلەردىن قانائەتلىنىپ قالماي، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش، بۇرچ زىممىدە بولۇش، توختىماي كۈرەش قىلىش. مانا بۇ بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقان روھ.

  قولىدا تارتىپ، مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ئىشلەيدىغان ئادەم كۈچى بىلەن قىلىدىغان ئەمگەك پەن-تېخنىكىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئايلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مۇقىم تۇردى؛ ئىپتىدائىي ھالەتتىكى ئاددىي گەمىلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالارغا ئايلاندى، نۇرغۇن شەھەرلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇلۇغ ھەرىكىتىگە گۇۋاھچى بولدى؛ پاختىنىڭ ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، تۆت تۈرلۈك سۈپەت كۆرسەتكۈچى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇپ، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 18 دۆلەتكە چىقىرىلدى؛ 2023-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى شىنجاڭنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى...

2024-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شى 124-تۇەنىنىڭ 100 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى تەكشۈرمەكتە.

تيەن گوجيەن فوتوسى

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەنىگە بوشلۇقتىن نەزەر  (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شيې جياڭلىن فوتوسى

2024-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 101-تۇەنىدىكى بىر پارچە ئېتىزلىقتا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماشىنا ئارقىلىق پىششىقلىنىدىغان شوخلا يىغماقتا.

ۋېي شىنجياڭ فوتوسى

2020-يىلى 10-ئايدا، پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسىنىڭ كېۋەزلىكىدە پاختا يىغماقتا.

شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ماتېرىيال سۈرەت

  بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.

  70 يىلدا، نۇرغۇن بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن چېنىقىش ئارقىلىق، ئاخىر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن سەھىپە ئېچىلدى! بىڭتۇەن روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك مەنىۋى تىرەك.

  2024-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا سۈرەتكە تارتماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

2024-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، «دۆلەت بويىچە ئورتاق تەبرىكلەش، بەختكە گۇۋاھ بولۇش» 2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ كىشىلىك كوللېكتىپ توينىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى تارماق مەيدان پائالىيەت نەق مەيدانى.

ۋاڭ زىلىن فوتوسى

2023-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، باغراش. 2023 تيېمېنگۇەن يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى سىلۇ شيۇڭگۈەن مەنزىرە رايونىدا باشلاندى.

لى جياچېڭ فوتوسى

  يول ئۇزۇن، كۈرەش  داۋاملىشىدۇ؛ مەنىۋى نۇر سەپەرنى يورۇتىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىڭتۇەندىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئامما بىڭتۇەن روھىغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  ئەسەر ئىشلىگۈچى: چېڭ لىشىن

  باش پىلانلىغۇچى: شى فېڭ، شياۋ چۇنفېي

  نازارەتچىلەر: چاۋ جىن، لياڭ ۋېي

  بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇڭ جۈن، يۈ لېي، لى خۇا

  مەزمۇن تەييارلىغۇچى:  گو لىڭ، فېڭ جۈن، ما جۈنچۈەن، جياڭ مېڭ، ليۇ فاڭ

  چۈشەندۈرگۈچى: خې ۋېيۋېي

   ئىشلىگۈچى: خەي روۋېي

  سۈرەت: شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى، بىڭتۇەن گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.