تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«ساۋات چىقىرىش سىنىپى»دىن ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغىچە

​− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (5)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا بىڭتۇەننىڭ تۇەن - مەيدانلىرى يۇلتۇزلاردەك تارقالغان، بىڭتۇەن بار جايدا مەكتەپ قۇرۇلۇپ، بىلىم ھىدى ھەممە جاينى قاپلىدى. «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى»، تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار بۇ جايدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بىلىمگە ئىنتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، ياشلىق باھارىنى چېگرا رايون تۇپرىقىغا بېغىشلىدى.

مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. بىلىمگە ئىنتىلگەنلەر «ساۋات چىقىرىش سىنىپى»دىن ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، «قوش بىرىنچى قاتار»دىكى داشۆگە ئىگە بولۇشقىچە، 70 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرىلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنى قۇرۇق قول باشلاپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىچىكلىكتىن زورايتىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچەيتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ پارلاق يولىنى ئاچتى.

«ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش»تىن «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»قىچە

بىڭتۇەن مائارىپى بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاددىي «ساۋات چىقىرىش سىنىپى» بىڭتۇەن مائارىپىنىڭ مەنبەسى بولغانىدى، ئەينى چاغدا ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بالىلىرىنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇشىنى، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. مەكتەپ قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدا، بالىلار گەمىلەردە ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىدى.

ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇلۇغۋار مۇساپىدە، مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، 70 يىلدىن بۇيان، يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ ۋە داۋاملىق تەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىڭتۇەن خاسلىقىغا ئىگە مۇكەممەل مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەندى.

2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپ 651گە، مەكتەپ(يەسلى)دىكى ئوقۇغۇچى 629 مىڭغا، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 54 مىڭ 500گە يەتتى. 2024 - يىلى بىڭتۇەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ يەنە كاتتا نەتىجىلەر يارىتىلدى، چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆگە بىڭتۇەندىن 36 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، بىڭتۇەن 2 - ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق تۆت ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

بىڭتۇەن 2 - ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇش نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئارزۇسى. مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك داڭلىق مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىڭتۇەن 2 - ئوتتۇرا مەكتىپىدىن يېقىنقى ئۈچ يىلدا چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆگە قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 60تىن، 985 قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %50تىن، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن بويىچە 1 - تۈركۈمگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %98تىن ئېشىپ، نۇقتىلىق تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش نىسبىتى يىل بويى شىنجاڭ بويىچە مۇقىم باش ئورۇندا تۇردى.

1951 - يىلى مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ مەكتەپ ھەربىيلەر پەرزەنتلىرى مەكتىپىدىن ھازىرقى مەملىكەت بويىچە داڭلىق 12 يىللىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپكە ئايلاندى. «بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ نۇرغۇن ئەۋلادى، ئايلاندى كۆككە تاقاشقان ئاق تېرەكلەرگە...» چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان جۇشقۇن مەكتەپ ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، ھەر نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار تالانتىنى نامايان قىلدى.

«ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش» ئىلگىرى بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەر ئەجدادلىرىنىڭ مائارىپقا بولغان ئۈمىدىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنىدى؛ ھازىر «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»تىن ئىبارەت كاتتا مەنزىرە ئەجدادلارنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. 70 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، بىڭتۇەننىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى −

بىڭتۇەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەن 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى، بىڭتۇەن 2 - ئوتتۇرا مەكتىپى، بىڭتۇەن 2 - شى خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپى، شىخەنزە 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق ئاساسىي مائارىپ بويىچە بىر تۈركۈم داڭلىق مەكتەپلەرنى بەرپا قىلدى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بىڭتۇەننىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %102.3كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99.05كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.42كە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى؛

بىڭتۇەن كەسپىي مائارىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي كەسپىي مائارىپتىكى 40تىن ئارتۇق كەسىپ بويىچە بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش قانات يايدۇرۇلدى، ئالتە كەسىپ بويىچە كەسپىي مائارىپ بىلەن تولۇق كۇرسنى جىپسىلاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسپىي مەكتەپلەر جەمئىيەتكە 100 مىڭدىن ئارتۇق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى؛

بىڭتۇەن ئالىي مائارىپىدا ئالىي مەكتەپ سانى، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى، پەن - كەسىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىدىن ئىبارەت «تۆتتە بىر قاتلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 2016 - يىلىدىكى 52 مىڭ 800دىن كۆپىيىپ 2023 - يىلى 114 مىڭ 300گە يەتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى.

«يېڭىدىن تىكىپ تال تېرەك 3000 چاقىرىم، باھار شامىلىنى چىللاپ كەلدى يۈمېنگۇەندىن.» ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەلا سۈپەتلىك - تەكشى بولۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش - ئەلالارنى يېتىشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش... بۈگۈنكى كۈندە، ئىللىقلىققا تولغان كۈچلۈك تەدبىرلەر بىڭتۇەن مائارىپىنىڭ يېپيېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقماقتا.

خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش

چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۇخلايدىغان ئۆي بولۇش، تاماق يەيدىغان ئاشخانا بولۇش، ئوينايدىغان ئويۇنچۇق بولۇش... بىڭتۇەن 9 - شى 162 - تۇەن يەسلىسىدە، بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرى ئازادە ۋە ئىللىق مۇھىتتا توختىماي ياڭراپ تۇرىدۇ. بۇ جاي جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرا لىنىيەسىگە 10 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، بۇنداق چەت، يىراق يەسلىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىياللىرى شەھەردىكى يەسلىلەردىن قېلىشمايدۇ.

9 - شىدا جەمئىي ئون تۇەن - مەيدان بولۇپ، 300 كىلومېتىرغا يېقىن چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ تارقالغان، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، چېگرا لىنىيەسىدىكى بالىلار ئەلا سۈپەتلىك يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى.

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بىڭتۇەن ھەر يىلى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ تۇەن - مەيدانلارنىڭ يەسلى باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، چېگرادىكى تۇەن - مەيدان قاتارلىقلاردىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ تاماق خىراجىتى، بېقىش - تەربىيەلەش ھەققى، ئىسسىنىش ھەققى ھەم ھەقسىز كىتاب ھەققى ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 2800 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇل بېرىپ، يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بىڭتۇەندىكى 170تىن ئارتۇق تۇەن - مەيدان بوستانلىقلاردا چاقنىغان مەرۋايىتلارغا ئوخشاش ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى قوغدىماقتا. ھەرقايسى تۇەن - مەيدانلاردا ئەڭ ياخشى قۇرۇلۇش چوقۇم مەكتەپ بىناسى، ئەڭ گۈزەل مۇھىت چوقۇم مەكتەپتە، مائارىپ بايلىقى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى.

ئاساسىي مائارىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تۈپ پىلان، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان. بىڭتۇەن خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلى مائارىپى بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى گۇرۇھلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، «بىر شىدا بىر ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» بەرپا قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مائارىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل 9 - ئايدا 27 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى كۈتۈۋېلىندى. قەشقەر شەھىرىدىكى پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بىڭتۇەن 3 - شى 53 - تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپى 6 - يىللىق 5 - سىنىپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى مەنزىرە مەڭلىكنىڭ پۇتۇڭخۇادا راۋان سۆزلىشى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىڭتۇەندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، بالىلارغا يۇرتىدىن چىقىپ، كەڭ دۇنياغا ئاتلىنىدىغان كۆۋرۈك ھازىرلاپ بېرىلدى.

ھەرقايسى تۇەن - مەيدانلاردا، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار قول تۇتۇشۇپ مەكتەپكە بارىدىغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى. مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، بىڭتۇەن ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ يەرلىككە ئېچىۋېتىلىشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك مائارىپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، چوڭقۇر گىرەلىشىشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، بالىلارنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى.

«ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات سىرىنى قانداق ئېچىش كېرەك» «قەدىمكى شېئىرلاردىن قانداق ھۇزۇرلىنىش كېرەك» «جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى قانداق قىلىپ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، تىرىشىپ قەتئىي داۋاملاشتۇردى»... بۇ يىل 9 - ئايدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى كۈتۈۋېلىندى، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرىدىن 11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 2 - قارارلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرس مۇنبىرىگە چىقىپ، بىڭتۇەن 1 - شىنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزگىچە بولغان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بىرىنچى سائەتلىك دەرسى»نى سۆزلىدى.

بىڭتۇەن شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇردى، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئەۋەتىپ، بىڭتۇەن مەكتەپلىرىگە يېڭى مائارىپ ئىدىيەسى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى كىرگۈزدى، بىڭتۇەن مائارىپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ئۈزلۈكسىز تۈردە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىختىساسلىقلىرىنى يەتكۈزۈش

بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، بىڭتۇەن ئاياللار بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «بىڭتۇەن بالىلىرى بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەرنىڭ بىڭتۇەن روھىنى سۆزلەپ ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش» تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتى شىخەنزە شەھىرىدە باشلاندى، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىن كەلگەن بالىلار شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئائىلە ئىستىلى سارىيى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، قەلبىگە بىڭتۇەن روھىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى.

بىڭتۇەن «بىڭتۇەن روھىنى ياڭرىتىش» قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، «سائەت ئالتە يېرىم» مەكتىپى، مەكتەپ سىرتى يېتەكلەش پونكىتى قۇردى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى مۇزېي، خاتىرە سارىيى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، «بىر شىدا بىر ماركا» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋردە قۇم دېڭىزىدىكى يېڭى ئەسكەرلەردىن بولايلى» قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس ماركىلارنى يارىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، كىچىكىدىن باشلاپ بىڭتۇەن ۋارىسلىرىنىڭ يارقىن ئاساسىي رېڭىنى پۈتۈپ چىقتى.

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نەتىجىسى مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتىكى تۈپ ئۆلچەم. بىڭتۇەن باشتىن - ئاخىر ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان يېڭى دەۋردىكى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، بىڭتۇەن روھى ۋە توغراق روھى ئارقىلىق تۈركۈم - تۈركۈم داشۆ پۈتكۈزگەنلەرنى چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، بىڭتۇەندە يىلتىز تارتىشقا چاقىرىق قىلدى.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان تارىم داشۆ بىڭتۇەنلىكلەر چۆل - جەزىرىدە ياراتقان مائارىپ مۆجىزىسى. 1958 - يىلى مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئالتە گەمە، بەش ئېغىز كېسەك ئۆي، يېڭىدىن ئېچىلغان 500 مو تېرىلغۇ يەر ۋە 19 ئوقۇتقۇچى، 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپنىڭ بارلىقى ئىدى.

دوسكا دەرەخ غولىغا ئېسىلغان، كونسپىك تىزغا قويۇلغانىدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قەدىمىي چۆللۈكتە بوز يەر ئېچىپ، قۇم - شورنى تىزگىنلەپ، دەرەخ كېسىپ، كېسەك قۇيدى، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئەمگەك قىلىپ مەكتەپنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئېگىلمەس - سۇنماس توغراق روھىغا تايىنىپ، تارىم داشۆ بۈگۈنكى كۆپ پەنلەر ماس تەرەققىي قىلغان ئۇنىۋېرسال داشۆ قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى.

يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان، تارىم داشۆ تەربىيەلىگەن تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەنلەر 43 مىڭدىن ئاشتى، «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ئەسقاتىدىغان، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان» يېڭى دەۋردىكى تۈركۈم - تۈركۈم توغراقلارنى يېتىشتۈرۈپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا پەقەت تارىم داشۆدىن ئىبارەت بىرلا بىڭتۇەن ئالىي مەكتىپى بار ئىدى، نۆۋەتتە يەتتىگە كۆپەيدى.

پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلىدى، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، بىڭتۇەن ئالىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولماقتا. شىخەنزە داشۆدە مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، بىڭتۇەن قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلار قۇرۇلدى، ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات سۇپىسىدىن 80دىن كۆپرەكى بار بولدى. تارىم داشۆمۇ بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدىلىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاسلىقى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ.

مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ باشلامچىسى ئالىي مائارىپ. بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مۇھىم ۋەزىپىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كەسىپ تەسىس قىلىشتا نۇقتىلىق ساھەلەرنى قوللاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىغا يۈزلىنىپ، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە 200 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

بىڭتۇەن 70 يىل ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، 70 يىل ئۇدا كۈرەش قىلىپ، رەڭگارەڭ مائارىپ گۈللىرىنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.