تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بەيشاخۇ كۆلى: جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شى بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا، رەڭگارەڭ دەرەخ يوپۇرماقلىرى شامالدا ئېرغاڭلاپ تۇراتتى، كۆل يۈزى ئەينەكتەك سۈزۈك بولۇپ، قۇمتاغ بىلەن كۆل سۈيى بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى.

    بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ بايلىقى مول، بۇ يەردە «ۋەتەننىڭ قوغدىغۇچىسى» − يەنجىڭ تېغى، «جۇڭگو-قازاقىستان دوستلۇقى» − ئاق قېيىن ئورمىنى، «قۇملۇق يالقۇنى» − قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان، «چېگرا كولدۇرمىسى» − مىڭشاشەن تېغى، ئېرتىش دەرياسىنىڭ چېگرىدىن چىقىش ئېغىزى قاتارلىقلار بار؛ يەنە «جۈنۋۇ قاراۋۇلخاناسى» «غەربىي شىمال چېگراسىدىكى 1-ليەن» «كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ زېمىننى قوغداش خاتىرە سارىيى» «شېن گۇيشوۋنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ئەسلىي ئورنى» «غەربىي شىمالنىڭ شىمالىدىكى خاتىرە ئابىدىسى» قاتارلىق بىڭتۇەن روھىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بار. بۇ يەردە، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت بىر-بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىشكە جەلپ قىلىپ، بىڭتۇەن روھىنى ھەممە يەرگە تارقاتتى.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، بىر ساياھەتچى بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا قىزىل يوپۇرماقلىق ئورماننى سۈرەتكە تارتماقتا.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ زېمىننى قوغداش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر جۈنۋۇ قاراۋۇلخانىسىدا ما جۈنۋۇنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ھېكايىسىنى ئاڭلىماقتا.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر سەيلە-ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچى غەربىي شىمالنىڭ غەربىدىكى خاتىرە ئابىدىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.