9-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۆسنخەت يېزىشنى مەشىق قىلماقتا. بۇ مەكتەپ كۈندىلىك ئوقۇتۇش جەريانىدا جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىپ، روھنى تاۋلاپ يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 27-كۈنى، چۆچەك شەھىرى يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى ئېتىدىغان قورۇمىلارنى ئېلىپ چىقتى. شۇ كۈنى، قارادۆڭ مەھەللىسىدە قوشنىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، كۆپچىلىك چۆردىشىپ بىللە ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، مۇڭداشتى، كەيپىيات ئىللىق، ئىناق بولدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە سارىيىدا قاپاققا قولدا رەسىم سىزىش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگەنمەكتە. بۇ باش تېمىلىق كۆرگەزمە سارىيى بۇ يىل 7-ئايدا پۈتۈپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا بىللە ئولتۇراقلىشىپ بىللە ئۆگىنىۋاتقان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقان، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئېچىۋاتقان گۈزەل كۆرۈنۈشلەر مەركەزلىك نامايان قىلىنغان.
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ دالوسۇ ياڭيۇ مەھسۇلاتلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تەجرىبىخانىدا ياڭيۇ ئاق ئۇنىنىڭ قەنت مىقدارىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ شىركەت يىلدا 48 مىڭ توننا ياڭيۇ پىششىقلايدۇ، يىلدا 8000 توننا ياڭيۇ ئاق ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، بېيتۈن شەھىرىدىكى مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۇنجى پۇقراۋى كارخانا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارتىسلار چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ئەمەلىي مەنزىرە تىياتىرى «فاڭساۋغا مۇھەببەت»نى ئورۇنلىماقتا. بۇ تىياتىردا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسىدىكى فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆگىرىشلەر ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، بىڭتۇەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بىڭتۇەن روھىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، جاپاغا چىداپ بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى قاقاسلىقنى ئون مىڭ مولۇق ئاشلىق ئېتىزىغا، ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرغانلىقى مەدھىيەلەنگەن.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ كوچا باشقارمىسى دۇڭخۇ مەھەللىسى دۇڭخۇ ئەمىن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانىدا بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
9-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشۈپ قايتماقتا. كۆكدالا شەھىرىگە جايلاشقان رۇنتەي ئاقىل يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدا ئاساسلىقى ئارقا-ئارقىدىن ھوسۇل ئېلىنىدىغان شوخلا ۋە رۇسىيە 8-نومۇرلۇق گىلاسى تېرىلىدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى تازغۇن يېزىسىغا جايلاشقان «شۇلې» زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ كۈن نۇرى پارنىكىدا تاۋۇزلار پىشىپ پىلەكلىرىگە ئېسىلغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ۋۇجياچۈ شەھىرى خۇڭچى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى مىللىي كەشتىچىلىك ئىشخانىسىدا، كەشتىچى ئاياللار بىرلىكتە سىرماق ۋە رەخت كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى كەشتىلىمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسى دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانا ھويلىسىدا، ئارتىسلار ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت «كەسىپ + مەدەنىيەت + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ساياھەت كوپىراتىپى قۇرۇش، يېزىلاردىكى بىكار ئۆيلەرنى خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا قىلىپ جانلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى «ساياھەت تامىقى» يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 69-تۇەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار چىنە ئۇسسۇلى ئوينىماقتا. بۇ مەكتەپ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئۇسسۇل، پۇتبول قاتارلىق كۇرسلارنى ئېچىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، كورلا شەھىرى چاۋياڭ كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق مەھەللىسى ئانار دانىسى سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ئۇسسۇل مەشىقى قىلماقتا. بۇ سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى ناخشا ساداسى ۋە لەرزان ئۇسسۇللىرى بىلەن بايان قىلىپ، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، يېڭى دەۋرگە بولغان مەدھىيەسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلىدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 13-تۇەن 11-ليەننىڭ چىلانلىقىدا، يوۋ لياڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى مەمەتتۇراپ مۇساق چىلانلارنىڭ پىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. 2005-يىلى ئىككەيلەن تونۇشقاندىن كېيىن، يوۋ لياڭيىڭنىڭ ياردىمىدە، مەمەتتۇراپ بۈگۈنكى كۈندە شۇ جاينىڭ بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا دولان مەشرىپى ئورۇنلىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى «دولان ھېكايىسى»نى چۆرىدەپ ئوبرازلىق ئورۇن بېكىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت ئىچكى مەزمۇنىنى قېزىپ، دولان ناخشا-ئۇسسۇلى، ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن خاس مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى خام بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا. چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، قەدىمىي شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا ماڭغاندا، نەپىس ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەدىمىي، ئاددىي تۇرالغۇلار، ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلىپ كەلگەن قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كەچلىك بازار ساياھەتچىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەسىنىڭ داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ باغراش كۆلىنى سەيلە-ساياھەت قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئالتۇن كۈز پەسلىدە، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى − باغراش كۆلىدە ھاۋا ئوچۇق، كۆل سۈيى سۈپسۈزۈك، مەنزىرىلەر ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە جەلپ قىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
ئېسىل سىن-سۈرەتلەر كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭدا
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
كۈز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە مول ھوسۇل شادلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ھەرمىللەت خەلق بۇ بىپايان تۇپراقتا بىللە ئولتۇراقلىشىپ بىللە ئۆگىنىپ، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىپ، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئاچماقتا، شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىناق مېلودىيەسى جاراڭلىماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى» باش تېما تەشۋىقاتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىش» مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە قوزغىتىلدى. زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ خەۋەر بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ ئىناق-ئىجىل، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنىڭ جانلىق مەنزىرىسىنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەرتەرەپلىمە سۈرەتلىدى.
شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى خۇددى قۇياش نۇرى، ھاۋاغا ئوخشاش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ قان تومۇرىدا ئاقماقتا. پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، ئالتاي تېغى ئېتىكىدىن تارىم دەرياسى ۋادىسىغىچە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ جېنى. مەكتەپ قورۇسىدا ماڭغىنىڭىزدا، قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىنى ھېس قىلىسىز. دەرس ئارىلىقىدىكى قوڭغۇراق چېلىنىشى بىلەن، بالىلار مەيداندا جۇشقۇن دۇمباق چېلىشىدۇ، قىزىل لېنتىلار شامالغا ئەگىشىپ لەپىلدەپ، داقا-دۇمباق ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالىدۇ؛ كۇرۇژۇك پائالىيىتىدە، بالىلار ئەرخۇ چېلىپ، جىڭجۈي تىياتىرى ئېيتىپ، مەشرەپ ئويناپ، ھۆسنخەت يازىدۇ... جۇڭخۇا مىللىتى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا، بالىلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، كۆزلىرىدە نۇر چاقنىدى، قەلبىدە ئارزۇ قاناتلاندى.
«يانچۇقنى تومپايتىش، روھىي جەھەتتىن كۆتۈرەڭگۈ بولۇش كېرەك» لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرىنىڭ داشى كەنتى ئىلگىرىكى «ئۈچكە تايىنىدىغان كەنت»تىن بۈگۈنكى كۈندە ھاللىق كەنتكە ئايلاندى؛ ئونسۇ ناھىيەسى ئونسۇ بازىرى جىنخۇا يېڭى كەنتى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى؛ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ «تۆھپىكار كان»ى كۆكتوقاي سانائەت كىچىك بازىرىدىن كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ قىزىل مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىغا ئايلاندى... ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلانغاندىن يەنە ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى بار.
«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ.» مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان يېڭى مۇساپىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى بويلاپ ئىلگىرىلىگەندە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى