تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چېگرانى بويلاپ جۇڭگوغا نەزەر سېلىش گۈزەل شىنجاڭنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش|ئاياغمەنگەن كەنتى تام رەسىملىرىدىكى گۈزەل تۇرمۇش رېئاللىققا ئايلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   «چېگرانى بويلاپ جۇڭگوغا نەزەر سېلىش گۈزەل شىنجاڭنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش» باش تېمىلىق زىيارەت قىلىش كوللېكتىپى كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ، 160 پارچە جانلىق تام رەسىم ئەسىرىنى كۆردى. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ، كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىغان ئىدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكىلەر باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، خاس باغۋەنچىلىك، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئون يىل ئىلگىرىكى 4700 يۈەندىن ئېشىپ 2023-يىلى 18 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، بەختلىك تۇرمۇشى ھەسەلدىنمۇ شېرىن بولدى. 

   ئاياغمەنگەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئون يىللىق ئۆزگىرىشىنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئويلىدى: ئون يىل ئىلگىرى، ئابدۇقېيۇم ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان ئاساسلىقى ئۇنىڭ تىراكتور ھەيدەپ باشقىلارغا ياردەملىشىپ يەر ئاغدۇرۇپ، زىرائەتلەرنى ئورۇپ بېرىپ تاپقان پۇلىغا تايىناتتى، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى؛ ھازىر ئۇ تىراكتور ھەيدەشتىن باشقا، خوتۇنى بىلەن كالا، كەپتەر باقتى، پارنىك ياساپ كۆكتات تېرىپ، گۈل ئۆستۈردى، تونۇر كاۋىپى سودىسى قىلىپ، بىر يىلدا 110 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئابدۇقېيۇمنىڭ چېھرىدە نۇرلۇق تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. بۇ تەبەسسۇم كۈنسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن كەلگەن ئىدى. 

      رېژىسسور: پەرىزات ئابدۇل، يىن تۇڭيۈەن

      ئوپېراتور: يىن تۇڭيۈەن

      بېزىگۈچى\كىرىشتۈرگۈچى: تاۋ جىخاۋ

      نازارەتچى: بالى، شۆ جىڭ، يۈ لېي

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.