تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سالاھىيىتى يېڭىلاندى! كېڭسۋات سۇچىلىق تۈگۈنى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئۆزگەردى

   9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ماناس ناھىيەسىنىڭ چىندىخوزا قازاق يېزىسى كېڭسۋات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەلەتقان تۇسۇپقان كېڭسۋات سۇ ئامبىرىغا نەزەر تاشلاپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن، كەنتتە زور ئۆزگىرىش بولدى، يوللار ياسىلىپ، تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەر بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى.» كېڭسۋات سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۆز ئالدىغا قۇرۇلۇش قىلغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ تۇنجى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇغىرىش، توك چىقىرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپلا قالماي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە «يېڭى» سالاھىيىتى بىلەن مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ، بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ جايدىكى پۇقرالارغا بەخت يارىتىپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىكتىن نەپكە ئېرىشتۈردى.

كېڭسۋات سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدىن شىمالغا نەزەر سالغاندا، ماناس دەرياسى سۈيىنىڭ تاغ ئارىسىدا جىمجىت ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو فوتوسى

   كېڭسۋات چوڭ توسمىسىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن كىشىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. تىيانشان تاغ تىزمىلىرىدىن باشلانغان ماناس دەرياسىنىڭ سۈيى تار جىلغىلاردىن ئۆركەشلەپ ئېقىپ كېلىپ، خۇددى تەبىئەتنىڭ ئىللىق قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ھەيۋەتلىك تاغ گەۋدىلىرى ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلسا، كۆل سۈيى خۇددى كۆك ياقۇتتەك پارقىراق ھەم سۈزۈك كۆرۈنىدۇ.

   «كېڭسۋات سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ماناس دەرياسىدا دائىم <سۇ ئاز بولغاندا بەك ئاز بولۇش، سۇ كۆپ بولغاندا يامراپ كېتىش> ھادىسىسى يۈز بېرەتتى. 1996- يىلى يەنە خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارغا ناھايىتى زور زىيان سالغانىدى»، دېدى شىخەنزە شەھەرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش- مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ بو. ئون نەچچە يىللىق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، كېڭسۋات سۇچىلىق تۈگۈنى ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ، ماناس دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى.

يىراقتىن كېڭسۋات سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا نەزەر سالغاندا، سۇ يۈزى زۇمرەتتەك دولقۇنلاپ تۇراتتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو فوتوسى

   2021-يىلى، ماناس ناھىيەسى S101 ئۆلكە يولى ساياھىتىنىڭ گۈللىنىش پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تۇتۇپ، كېڭسۋات سۇچىلىق تۈگۈنى يېنىدا كېڭسۋات مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى، ھەم بۇ يىل 6- ئايدا باغچە رايونىنى ئېچىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ماناس يىجىڭ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاڭ يىۋېي مۇنداق دېدى: «8- ئايغىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قايتىلانما شەكىلدىكى ئاسما يول، ئىلەڭگۈچ، ئەينەك ئاسما يول قاتارلىق ئەسلىھەلەر ياسىلىپ، S101 تاشيولىدىكى بىردىنبىر يېمەك- ئىچمەك، ياتاق، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىدۇ». 

   بۇ يىل، مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى پىلانلانغان ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئارقا- ئارقىدىن پۈتۈپ، كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قولايلىق، ئازادە ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىمۇ كېلىپ، دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق ساياھەت كەسىپ ھالىتى بىلەن شۇغۇللاندى. مەلەتقان ئۆزىنىڭ يەتتە ئېغىز ئۆيىنى ئائىلىۋى مېھمانخانىسىغا ئۆزگەرتىپ، ئايالى بىلەن بىللە تىجارەت قىلدى. «بۇ يىل تىجارىتىم ياخشى، 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم، مەنزىرە رايونى تەلتۆكۈس پۈتكەندە، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپ كېلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.