تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كاۋا يېسە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ ... راستمۇ-يالغانمۇ؟

   كاۋا تەركىبىدىكى ئاكتىپ كۆپ شېكەرلىك ماددىلار قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئوخشىمىغان سورتتىكى كاۋىلارنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ شېكەرلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىدا پەرق بولىدۇ.

شۇڭا،«دىيابېت ئاغرىقلىرى كاۋا يېسە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ» دېگەن قاراش زىيادە بىر تەرەپلىمە بولۇپ، دىيابېت ئاغرىقلىرى كاۋىنى قارىغۇلارچە يېيىش ئارقىلىق قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ.

كاۋا يېسە قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؟ 

   كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى %5 (يېڭى ھالەتتىكى ئېغىرلىقى) ئەتراپىدا بولۇپ، گاڭپەن، موما قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا كاۋىنىڭ شېكەر مىقدارىنى ئۆرلىۋېتىش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ. شۇڭا، دىيابېت ئاغرىقلىرى كاۋىنى ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

   تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كاۋا تەركىبىدىكى ئاكتىپ كۆپ شېكەرلىك ماددىلار قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىنكەن، لېكىن ئوخشىمىغان سورتتىكى كاۋىلارنىڭ تەركبىدىكى كۆپ شېكەرلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىدا پەرق بولىدىكەن. شۇڭا، «دىيابېت ئاغرىقلىرى» كاۋا يېسە قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ دېگەن بۇ قاراش زىيادە بىر تەرەپلىمە بولۇپ، دىيابېت ئاغرىقلىرى كاۋىنى قارىغۇلارچە يېيىش ئارقىلىق قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول بولغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى يېتەرلىك ئىستېمال قىلغان ئەھۋالدا، يەنە كۆپ مىقداردا كاۋا ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.

   ــــ كۆكتاتلارنى توغرا تاللاش، توغرا يېيىش قان شېكىرىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىشقا پايدىلىق

دىيابېت ئاغرىقلىرى قان شېكىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئۈچۈن، كۆكتاتلارنى توغرا تاللىشى، توغرا يېيىشى كېرەك.

● بىرىنچى، تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك، يۇقىرى تالالىق كۆكتاتلارنى، مەسىلەن، پالەك، قىچا، چىڭسەي، سۇ پالىكى، شىلەنخۇا، تۇڭخاۋ، لاڭخا قاتارلىقلار. بۇ كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئېنېرگىيە تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ھەزىم بولۇپ قوبۇل قىلىنىش جەريانىنى ئۈنۈملۈك ئاستىلىتىپ، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خاڭگا، كۇگۇا قاتارلىق كۆكتاتلارمۇ دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.

● ئىككىنچى، ماي، تۇزنى ئاز ئىشلىتىپ تاماق ئېتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۈملەپ پىشۇرۇش، مايسىز قورۇش، سوغۇق سەي تەييارلاش قاتارلىق تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكتاتلادا تاماق ئەتكەندە شېكەر ۋە جياڭيۇ قاتارلىق شېكەرلىك تېتىتقۇلارنى ئاز سېلىپ، شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. 

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.