تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چېگرانى بويلاپ جۇڭگوغا نەزەر سېلىش گۈزەل شىنجاڭنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش | «جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىدىكى 1-كەنت» قىزىل ساياھەت بەرپا قىلدى

   تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتى جۇڭگو-قازاقىستان چېگرا لىنىيەسىگە جايلاشقان، ئەڭ يېقىن يېرىنىڭ دۆلەت چېگرا سىزىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 مېتىرمۇ كەلمەيدۇ، «جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىدىكى 1-كەنت» دېگەن نامى بار. كەنت ئاھالىلىرى ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە كۈچ ئۇلاپ ۋارىسلىق قىلىپ، تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداشتىكى بىر تۈركۈم قەھرىمان، نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سارى ئۆلەڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا قىزىل ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەدەنىيىتى + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «قىزىل ساياھەت سەرخىل لىنىيەلىرىدىكى بىر كۈنلۈك ساياھەت»، «بىرلىكتە چېگرا لىنىيەسىنى چارلاش» قاتارلىق ساياھەت سۈپەتلىك ماركىلىرىنى يارىتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر سارى ئۆلەڭ كەنتىدە ساياھەت قىلماقتا. 

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سارى ئۆلەڭ كەنتىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى.

9-ئاينىىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر سارى ئۆلەڭ كەنتىدە خاس يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگمەكتە.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر سارى ئۆلەڭ كەنتىدە سۈرەتكە تارتماقتا. 

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر سارى ئۆلەڭ كەنتىدە سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا. 

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.