تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئېنىق بولدى! مائاش ئالدىن تارقىتىلىدۇ

جۇڭچيۇ بايرىمىنى تېخى ئەمدىلا ئۆتكۈزۈپ بولغانىدۇق

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يەنە يېتىپ كەلدى

بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا

10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە

جەمئىي يەتتە كۈن

دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

بۇ كىشىلەرگە مائاش ئالدىن تارقىتىلسا بولىدۇ

ئايلىق مائاش بېرىش كۈنى 1-چېسىلادىن 7-چېسىلاغىچە بولغان دوستلار

دىققەت

سىزنىڭ مائاشىڭىزنى ئالدىن تارقاتسا بولىدۇ

   «مائاش بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نىڭ 7-ماددىسىغا ئاساسەن، مائاش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى باشقا ئارام كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئەڭ يېقىن خىزمەت كۈنىدە ئالدىن بېرىش كېرەك. ئىش ھەققى ئاز دېگەندە ئايدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ، ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك ئىش ھەققى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلارغا ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك ئىش ھەققى بېرىلسە بولىدۇ.

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

   دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

   10-ئاينىڭ 1-، 2-، 3-كۈنلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش: بۇ ئۈچ كۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، شۇ كىشىنىڭ كۈنلۈك مائاشىنىڭ %300ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئىش ھەققى بېرىشى كېرەك، تولۇقلاپ دەم ئېلىشنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

   10-ئاينىڭ 4-، 5-، 6-، 7-كۈنلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش: بۇ تۆت كۈن ئارام كۈنىگە كىرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى ئارام كۈنىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا ھەم تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، شۇ كىشىنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققىنىڭ %200ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئىش ھەققى بېرىشى كېرەك.

   سىياسەت ئاساسى

   «مائاش بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» نىڭ 13-ماددىسىدا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئەمگەك نورمىسىنى ياكى بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەمگەكچىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتىدىن سىرت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا، تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە مائاش بېرىشى كېرەك:

   (1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن كۈنلۈك ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتىدىن سىرت ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قانۇن بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن سائەتلىك ئىش ھەققى ئۆلچىمىنىڭ %150ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا بېرىدۇ؛

   (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ئارام كۈنىدە ئىشلەشكە قانۇن بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئىش ھەققى ئۆلچىمىنىڭ %200ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا بېرىدۇ؛

   (3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش، بايرام كۈنلىرىدە ئىشلەشكە قانۇن بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئىش ھەققى ئۆلچىمىنىڭ %300ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا بېرىدۇ.

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.