تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چېگرانى بويلاپ جۇڭگوغا نەزەر سېلىش گۈزەل شىنجاڭنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش | ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىغا كىرىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ «شىفىرى»نى يېشىش

 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. 

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) ئالتاي شەھىرىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە مائارىپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مۇزېيئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيى ئۆزگىچە جەلىپكارلىقى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا. شىنجاڭدىكى مەخسۇس جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان، كېڭەيتىدىغان تۇنجى مۇزېي بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مۇزېي ساياھەتچىلەرگە جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سىرلىق دۇنياسىغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى.

   9-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىر جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ خۇش ھىدى بىلەن تولغان بۇ مۇزېيغا كىرىپ، بىردىنلا مۇزىينىڭ مول كۆرگەزمە مەزمۇنىدىن ھەيران قالدى. مۇزېيدا نەپىس دورىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ 399 پارچە ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك سۈرىتى، مومدىن ياسالغان 316 پارچە ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى، 276 پارچە ئەمەلىي بۇيۇم ئەۋرىشكىسى ھەم 128 بوتۇلكا چىلانغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى كىرىشتۈرۈلۈپ رەتلىك تىزىلغانىدى، ئۇنىڭغا يەنە ئاۋاز، نۇر، سايە، كۆپ خىل تاراتقۇ قاتارلىق زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشىنى خۇددى ئۇلارنىڭ تەبىئىي ئۆسۈش مۇھىتىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇراتتى.

9-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچى ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىدا سۈرەتكە تارتماقتا.

9-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

    مۇزېينىڭ كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن ئۈچ كۆرگەزمە زالى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاساسىي كۆرگەزمە زالىدا جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ سۈرىتى، مومدىن ياسالغان ئەۋرىشكە، چىلاپ قويۇلغان ئەۋرىشكە ۋە ئەمەلىي بۇيۇم ئەۋرىشكىسى ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان كۆرۈش سىزىمى كاتتا زىياپىتى تەقدىم ئېتىدۇ. جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە زالىدا ئالتاي ۋىلايىتى نۆۋەتتە ئۆستۈرۈۋاتقان جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئېتىز بېشىدىن مۇزېي كۆرگەزمە سۇپىسىغىچە بولغان ھەشەمەتلىك ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ. ياۋا ئۆسۈملۈكلەر باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە زالىدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلىرى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلىرى نۇقتىلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر تەبىئەتنىڭ چەكسىز كۈچىدىن ھەيران قېلىش بىلەن بىللە، بۇ قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلارنى تېخىمۇ قەدىرلەش تۇيغۇسىغا كېلىدۇ.

   «جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ نەزەر دائىرەم كېڭەيدى.» جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى لى بىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېقىن ئارىلىقتىن تۈرلۈك جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك قىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تارىخى، تۈرگە ئايرىلىشى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم».

9-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئۈزۈلگەن جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى كۆرسەتمەكتە(9-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان).

    ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە مۇرەككەپ يەر شەكلى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە قىلغان. بۇ يەردە جەمئىي 2300 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ئۆسىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 700 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك دورىلىق قىممىتىگە ئىگە. سۇ مەنبەسى مول، ھاۋاسى ساپ، يەرلىرى مەركەزلەشكەن ھەم ئۇزاق تارىخقا ئىگە تېببىي دورا تارىخى مەدەنىيىتى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالغان. 2019-يىلى 9-ئايدا رەسمىي ئېچىلغاندىن بۇيان، ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيى ھەر يىلى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچىنى ھەقسىز كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى مىللەتلەر تېبابىتى-دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.