تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقىش ئەسكەرتمىسى

   2024 ـ يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەڭ ساياھەتچىلەرنى مۇنداق ئەسكەرتتى:

   1. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك. ساياھەت لىنىيەسى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، تىجارەت سالاھىيىتى بار ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى تاللاش كېرەك. ساياھەت، گۇڭئەن، قاتناش، مېتېئورولوگىيە، تاشقى ئىشلار قاتارلىق تارماقلار ئېلان قىلغان سەپەرگە چىقىش ئەسكەرتمىسىگە دىققەت قىلىپ، قاتناش، كىلىمات شارائىتى ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشى بولمىغان مەنزىلگاھلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇش، ئېچىلمىغان، ئېچىۋېتىلمىگەن، بىخەتەرلىك كاپالىتى كەمچىل رايونلارغا بارماسلىق كېرەك. زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك بىلىملىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى ئىگىلەش، زۆرۈر بولغان دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى تەييارلاش كېرەك.

   2. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. مەنزىرە رايونى، ئاممىۋى مەدەنىيەت سارىيى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارلىق سورۇنلارنى سەيلە قىلغاندا، ئوت مۇداپىئە ۋە تۈرلۈك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. مېھمانخانىدا ياتقاندا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش يولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەش، سافادا، كارىۋاتتا يېتىپ تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. دالا پائالىيىتىدە ئوتتىن، ئاپەتتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش، تاغقا چوغ ئېلىپ چىقماسلىق، ئوت-چۆپلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن، دەرەخ يوپۇرماقلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن ياكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسكەرتمىسى بار جايدا تاماكا چەكمەسلىك، كاۋاپ پىشۇرماسلىق ياكى ئوت ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

   3. بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ساياھەت جەريانىدا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى، خېيىم-خەتەر ئەسكەرتمىسى، ساياھەتچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەندە ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىققاندا، پۈتۈن مۇساپىدە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرمەسلىك كېرەك. ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرغاندا بەلگىلىمە بويىچە قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىش، زۆرۈر قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنمىگەن ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرماسلىق كېرەك. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرۈش، يول يۈرۈش جەريانىدا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىش، يول بېرىشكە دىققەت قىلىش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى توسۇش كېرەك.

   4. خەتىرى يۇقىرى تۈرلەرگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاتنىشىش كېرەك. يۇقىرى بوشلۇق، يۇقىرى سۈرئەت، سۇ ئۈستى، سۇغا چۆكۈش، ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى تۈرلەرگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، تۈرگە ئالاقىدار ئەسكەرتىشلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈش كېرەك. پائالىيەتكە قاتناشقاندا بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، خىزمەتچى خادىملارنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك.

   5. مەدەنىي، تۆۋەن كاربونلۇق ساياھەت قىلىش. قانۇن-نىزام ۋە ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلىش كېرەك. سورۇننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ساياھەت قىلىش كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسار-ئەتىقىلەرنى ئاسراش، ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش كېرەك. باشقىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ماجىرانى ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىت قوغداش، تېجەشلىك بولۇش، يېشىل ساياھەتكە چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.