شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ يازغى بۇغداي سورتىنى يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى تاللاپ يېتىشتۈرگەن «لياڭچۇن − 1758» مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھوسۇلنى ئۆلچەپ باھالىشى ئارقىلىق، ھەر مو يەرنىڭ 796.1 كىلوگىرام بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى بىلەن مەملىكەت بويىچە يازغى بۇغدايدىن 100 مو يەردە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتتى.
شۇ كۈنى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۇيسۇ بازىرىغا جايلاشقان «لياڭچۇن − 1758 »100 مو يەردە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىغا كەلدى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىش ـ ھوسۇلنى ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دىكى تەلەپ بويىچە، 100 مو يەردىكى تەجرىبە ئېتىزىدىن ئەمەلىي ھوسۇل ئالدى ھەم ئارىلاشما ماددىلارنى چىقىرىۋېتىپ، سۇ تەركىبىنى ئايلاندۇرۇپ ھېسابلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىرلىك ھوسۇل نەتىجىسىگە ئېرىشتى.
«لياڭچۇن − 1758» شىنجاڭدا كېڭەيتىشكە ماس كېلىدىغان بۆسۈش خاراكتېرگە ئىگە يازغى بۇغداي سورتى بولۇپ، بالدۇر تۈپلىنىش، تۈپكە ئايرىلىپ باشاق تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، 1000 تال داننىڭ ئېغىرلىقى يۇقىرى بولۇش ۋە سورت سۈپىتى ئەلا بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. يېقىنقى ئىككى يىللىق پەن تەتقىقات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش جەريانىدا، بۇ سورتتا ئۇدا مو بېشى ھوسۇلى 841.6 كىلوگىرام ۋە 848.42 كىلوگىرام بولۇشتەك مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك يازغى بۇغدايدىن كىچىك كۆلەمدە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يارىتىلدى، بۇ يىل بۇ رېكورتتا كىچىك كۆلەم 100 مو يەرگە كېڭىيىشتەك ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېميىەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ بۇغداي كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى باركۆل ئۇنىۋېرسال سىناق پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى لياڭ شياۋدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، «لياڭچۇن − 1758» پەن تەتقىقات كوللېكتىپى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدەپ، كىچىك كۆلەمدىكى پەن تەتقىقات سىنىقىنى چوڭ كۆلەمدىكى يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئۆزگەرتىشنى نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە تۇتتى. پەن تەتقىقات خادىملىرى ئوخشاش بولمىغان رايوندىكى كۆپ نۇقتىدا 100 مو يەردە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىپ، مۇۋاپىق مەزگىلدە بالدۇر تېرىش، ئۇرۇق بىلەن ئوغۇتنى ئايرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق سىناق ئېتىزىدا يەكۈنلەپ چىققان ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىگە كېڭەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىنى ئېتىز باشلىرىغا دەل جايىدا يەتكۈزدى. بۇ كوللېكتىپ بىڭتۇەن 13 ـ شى خۇڭشەن دېھقانچىلىق مەيدانى 4 ـ ليەنىدە «لياڭچۇن − 1758» ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىپ، 100 مو يەردە مو بېشى بىرلىك ھوسۇلىنى 768.42 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «لياڭچۇن − 1758» ھەم ئالاقىدار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ كۆپەيتىش، كېڭەيتىش مۇمكىنچىلىكىنى ھازىرلىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ قېتىمقى ھوسۇلنى ئۆلچەپ باھالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ گۇاڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ھوسۇلنى ئۆلچەپ باھالاش نەتىجىسى يازغى بۇغداي بىلەن كۈزگى بۇغداينىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇش جەھەتتىكى پەرقىنى كىچىكلىتىش، بۇ سورتنىڭ يازغى بۇغداي ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە پەن ـ تېخنىكا بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى.
كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېميىەسى داۋاملىق تۈردە ئوخشاش بولمىغان بۇغداي ئېكولوگىيە رايونىنىڭ سورت ۋە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىغا بولغان پەن ـ تېخنىكا ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق، ياخشى ئۇسۇل، مۇنبەت ئېتىز بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەسىپ تىرىكى ئارقىلىق يېتەكلەشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمىتىنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، سىناق ئېتىزىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكا تەدبىرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.