□ئىستون سۆزى
ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، زىرائەتلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. مول ھوسۇل قەيەردە؟ مول ھوسۇل غايەت زور رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشايدىغان ئېتىزلاردا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئايلىنىۋاتقان پىششىقلاش لىنىيەلىرىدە، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ رەڭدارلىققا تولغان تاماق ئۈستىلىدە... شىنجاڭ تۇپرىقىدا ماڭغاندا، ھەممىلا يەردە مول ھوسۇل ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. 7 - قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش . مول ھوسۇل قەيەردە» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مول ھوسۇل ئېلىش، كۆپ كىرىم قىلىش يېڭى كۆرۈنۈشلىرى، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مەنزىرىسىنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك
ئەتىيازدا مېھنەت قىلسا، كۈزدە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ھەممە يەر ئالتۇن رەڭگە كىرگەن، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان بۇ پەسىلدە، زاۋۇتلاردىن تارقالغان مول ھوسۇل شادلىق ناخشىسىغا قۇلاق سالايلى.
مول ھوسۇل قەيەردە؟
«يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنىڭ قوش ئۆسكەنلىكىدە!» 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ چۇاڭجىن جياخې يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش دىرېكتورى ما گولى ئارىلاشمىلارنى تازىلاش، نەمدەش تاماملىنىپ، ئېزىش ھالقىسىغا كىرگۈزۈلگەن بۇغدايلارنى كۆرۈپ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.
بۇ شىركەت 2022 - يىلى توققۇزتارا ناھىيەسىگە ماكانلاشقان، ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش، بۇغداي ئۇنى پىششىقلاش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، 2023 - يىلى مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. بۇ يىل شىركەت 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق بۇغداي سېتىۋالدى.
«بۇ يىل، بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن كۆپەيدى، بىرلىك ھوسۇلىمۇ بۇلتۇرقىدىن ئاشتى، سېتىۋېلىش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى!» دېدى ما گولى.
سورتلۇق ئۇرۇق، ياخشى ماشىنا، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تېخنىكا... تېرىقچىلىق ھالقىسىدا پەن - تېخنىكا تۈسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە كۆلەم ئېشىش، بىرلىك ھوسۇل ئېشىش، ئومۇمىي ھوسۇل ئېشىشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت نامايان بولدى، پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى يەر - جاھاننى لەرزىگە سالدى.
مول ھوسۇل قەيەردە؟
«يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئۇزىراۋاتقان كەسىپ زەنجىرىدە!» دېدى پوسكام ناھىيەسى سەيلى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى جاڭ جياڭسېن كەينىدىكى ياڭاق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى باغچە رايونىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ كەسكىن ھالدا.
ھازىر، پوسكام ناھىيەسىدە 300 مىڭ مو يەردىكى ياڭاق يىغىۋېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، خالتا - خالتا كۆك پوستلۇق ياڭاقلار باغچە رايونىغا توشۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پوستىنى سويۇش، يۇيۇش، قۇرۇتۇش، مېغىزىنى ئېلىش... تاماملىنىپ، ياڭاق شەربىتى، ياڭاق سۈتى، ياڭاق يېغى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلات قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلدى.
«بۇ يىل بىز 3000 توننا ياڭاق سۈتى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشنى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 50 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇشىنى مۆلچەرلىدۇق» دېدى پوسكام ناھىيەسى زېمېي يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى دۇەن ديەنپۇ.
«ھازىر پىششىقلاش كارخانىلىرى سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، كىرىمىمىزنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق.» پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسى جىگدە جاي كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى ئالىمجان ئەخمەت خۇشال ھالدا ئېتىزلىقىدىكى ياڭاقلارنى ئېتىز بېشىدىلا سېتىۋالىدىغان كارخانىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
رەڭگارەڭ مول ھوسۇل مەنزىرىسىدە، قىپقىزىل لازىلار ئېتىزلارنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.
خوشۇت ناھىيەسىدە تېرىلغان لازىنىڭ رەڭگى چىرايلىق، تەمى ياخشى، ھوسۇلى يۇقىرى بولغاچقا، بازاردا ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ يىل، شۇ جاينىڭ لازا مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 1 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.
2021 - يىلى، شىنجاڭ جۇڭجياۋخۇڭ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ لازا كەسىپ زەنجىرىدىكى بىر ئەزاغا ئايلىنىپ، كەسكەن لازا، ئۇۋاق لازا، لازا ئۇنى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى.
«ھەر يىلى مەھسۇلاتلىرىمىز ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ!» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ بىڭ يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان لازا ئېتىزىغا قاراپ ئۈمىدكە تولدى.
2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتى %63كە يەتتى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى سىجىل يولغا قويۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، قىممەت زەنجىرى يۈكسەلدۈرۈلۈپ، تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك باغچە رايونلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ھۈنەر - سەنئەتنى ئەلالاشتۇرۇشى، داڭلىق ماركا يارىتىشى، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ سانلىق مەلۇمات يەنە ئاشماقتا.
مول ھوسۇل قەيەردە؟
«كۈنسېرى موللىشىۋاتقان مەھسۇلات تۈرلىرىدە!» دېدى جىڭ ناھىيەسى تىيانشان مېۋىچىلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەمۇرىي باش نازارەتچىسى يۈەن لى كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئالقات سۇيۇق دورىسى، ئالقات ئىچىملىكى، ئالقات تابلېتكىسى كەمپۈتى... ئىلگىرى قۇرۇق مېۋە شەكلىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانىغا سېلىنىدىغان ئالقات بۈگۈنكى كۈندە كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشى، يېڭىلىق يارىتىشى ئارقىلىق، «مودىنىڭ ئالدىنقى سېپى»دە ماڭدى.
جىڭ ناھىيەسى تىيانشان مېۋىچىلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، ئالقاتنىڭ قويۇق خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى. ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە، ئىشچىلار ئالقات شىرنىسىنى بۆلۈپ قاچىلاش، ئوراش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
«جۇڭچيۇ بايرىمىدا، جىڭ ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى، بىز قىممىتى 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئالقات شىرنىسىگە زاكاز تاپشۇرۇۋالدۇق.» يۈەن لىنىڭ خۇشاللىق ھېسسىياتى سۆزىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
پوسكام ناھىيەسى جىنفېڭ زېپۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى پوسكام ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشتىكى باشلامچى كارخانا. بۇ يىل 9 - ئايدا، شىركەت سېتىۋېلىشنى باشلاپ، پۈتۈن يىلدا 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، بازارغا تايىنىپ شۇ جايدىكى ياڭاق، چىلان، ئالما قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلىدى.
«ئىلگىرى چىلان ۋە ئالمىنىلا يېڭى پېتى ساتقىلى بولاتتى، ھازىر بىز ئىشلەپچىقارغان قويۇلدۇرۇلغان چىلان شەربىتى، ئالما ھارىقى قاتارلىق كۆپ خىللاشقان مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ، بازىرى ناھايىتى ياخشى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى مياۋ جىگاڭ.
زاۋۇتلاردا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلانماقتا، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى قىزغىنلىق ئىچىدە يۈرۈشمەكتە، قۇلاق سېلىڭ، ئۇ مول ھوسۇل ئاۋازى...