تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2024 - يىللىق جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

شىنجاڭ ئېنېرگىيە(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىر خۇ گوچياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، ساياھەت پائالىيىتىگە ئائىت ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، خۇ گوچياڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان قاشتاش، ئالتۇن، ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇمنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئىلى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ خۇ گوچياڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ليۇ كېۋېننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتلەرنى قارىمىقىدىكى ئورۇنلارغا تۆلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ليۇ كېۋېن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىپ نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىپ شەخسىي ئىشىنى بېجىرگەن؛ شەخسىي ئىستېمال قىلغان ھاراق قاتارلىقلارنىڭ خىراجەتلىرىنى قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ليۇ كېۋېندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى شۈ شياۋجيېنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش، باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2015 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، شۈ شياۋجيې بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پۈتۈننى پارچە قىلىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئوغلىنىڭ توي زىياپىتىنى ئۆتكۈزگەن، ئالاقىدار خىراجەتنىڭ ھەممىسىنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۇزاق مەزگىل ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ، ئۆزى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىشلەتكەن. شۈ شياۋجيېدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ دۇڭشېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، ۋاڭ دۇڭشېڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، كۆپ قىسمى جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملارنىڭ ئالدى - كەينىدە يۈزبەرگەن؛ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان؛ ساختا چىقىم قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىش خىراجىتى قىلغان. ۋاڭ دۇڭشېڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى سۇڭيىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2017 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، لى سۇڭيى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، كۆپ قىسمى بايرام مەزگىلىدە يۈزبەرگەن. لى سۇڭيىدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

گۇما ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم دولقۇن ئىبراھىمنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ھەم ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، دولقۇن ئىبراھىم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان خۇبېي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن. دولقۇن ئىبراھىمدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالتە تىپىك دېلو مىسالى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىۋاتقان يۇقىرى بېسىم ھالىتىدىمۇ يەنىلا ئاز ساندىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەپسىنى يىغمىغانلىقى، قولىنى تارتمىغانلىقىنى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولغانلىقى، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بەزى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغىچە داۋاملاشقان، قىلمىشى ئېغىر، خاراكتېرى قەبىھ، جەزمەن قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ پولات قائىدە، قاتتىق ئۆلچەمدە ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە شۇجىلارنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش ۋە دائىملىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى باشلىق»لار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، بايرامنى پاك ئۆتكۈزۈپ، ئىستىل، ئىنتىزامغا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تىپىك دېلو مىساللىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزىگە تەتبىقلاپ، خىزمەتكە تەتبىقلاپ، مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاپ، ئاڭلىق ھالدا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ئىبرەت ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى قەلبكە پۈكۈش، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىشتىن ساقلىنىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ھالقىلىق نۇقتىلاردا نازارەت قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ يېڭى ئىستىل تىكلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى توسمىسىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك. دىققەتنى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل بېرىش - ئېلىش قاتارلىق راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىش ناچار ئىستىلىنى قەتئىي تۈزەپ، قايتا - قايتا تەكىتلىسىمۇ نەپسىنى يىغمىغانلار، قولىنى تارتمىغانلار، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش، قاتتىق جازالاش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش، يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر پاكلىق مەدەنىيىتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا ياخشى بولغان پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، جەمئىيەت يېڭى ئىستىلى، توغرا كەيپىياتىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.