تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 300 نەپەر مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى بېيجىڭدىن كەلگەن «جۇڭچيۇلۇق سوۋغات»نى تاپشۇرۇۋالدى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن كوچا باشقارمىسىدىكى 300 مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى جۇڭچيۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭدىكى بىر مېھىر-شەپقەت كارخانىسىنىڭ ھەر بىرەيلەنگە ئېلىپ كەلگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ خەيرىيەت باش جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭدىن كەلگەن سوۋغاتنى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزدى. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

    جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ خەيرىيەت باش جەمئىيىتى بېيجىڭ جىلېجيې بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە، خەيرىيەت ئىئانە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شىسەن كوچا باشقارمىسىدىكى 300 نەپەر مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسىغا 300 يۈرۈش تېرە ئاسراش بۇيۇمى سوۋغا قىلىپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ شەھەرگە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.

 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى چۇ خۇا (سولدا) خىزمەتدىشى دۇەن شياڭ بىلەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

    تازىلىق خىزمىتى بىلەن 17 يىل شۇغۇللانغان جاۋ لىڭلىڭ مۇنداق دېدى: «جەمئىيەتتىكى مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى، زاتلارنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈشى خىزمىتىمىزنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ، بىزگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى».

   «بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، بىز يەنە قەشقەر، ئاقسۇ ۋە ئىلىدىكى ئايال چېگرا قوغدىغۇچىلار، ئايال ئاتلىق ساقچىلار ۋە باشقا رايونلاردىكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللارغا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىمىز.» دېدى بېيجىڭ جىلېجيې بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ماركا-سېتىش دىرېكتورى سۇڭ زې.

    شىنجاڭ خەيرىيەت باش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جىن داۋېي مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ياخشىلىق قىلىش ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.