تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىدىن 257نى كۆپەيتىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىللىق «جۇڭچيۇ بايرىمىلىق» قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ھازىر قاتناۋاتقان يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزى ئاساسىدا توشۇش كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بولغان بەش كۈنلۈك دەم ئېلىشتىكى توشۇش مەزگىلىدە، يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىدىن 257نى ۋاقىتلىق كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

    جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش دەل شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت پەسلى ۋە كۈزلۈك يىغىم، ئۈزۈش پەسلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت قىلىدىغان، تۇغقان يوقلايدىغان، كېلىپ-كېتىپ قاتنايدىغان، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئاتا-ئانىلىرىنى ئېلىپ ساياھەتچە چىقىدىغان، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى يۇقىرى دەرىجىدە گىرەلىشىپ، يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «پويىزنى ياخشى ھەيدەش، بېلەتنى ياخشى سېتىش، ئاساسنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بېلەتنى ئالدىن سېتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، «ئېھتىياجغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەييارلىقنى ياخشى قىلىش، دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇش، پەلەمپەيسىمان ئورۇنلاشتۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، «بىر كۈندە بىر خەرىتە بولۇش»نى يولغا قويۇپ، توشۇش كۈچىنى پەلەمپەيسىمان ئۇدۇللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنى ۋاقىتلىق كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى قايتا تۇتاشتۇرۇپ، توشۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم كۆپەيتىلگەن 257 يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزى ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە 76 پويىز، شىمالىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە 173 پويىز، شەرقىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە سەككىز پويىز قاتناپ، يولۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى ئەڭ زور چەكتە قاندۇرۇلىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.