ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى
«ئاچا، دۇنيا جىددىي قۇتقۇزۇش كۈنى كېلەي دېدى، سىلەر پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا پىدائىيلارغا ئېھتىياجلىق بولساڭلار، ماڭا سۆز قالدۇرۇڭلار».
«بولىدۇ، سىزمۇ دۇكىنىڭىزدا ئالدىراش بولۇپ يېتىشەلمەي قالسىڭىز، ھەر ۋاقىت ماڭا سۆز قالدۇرۇڭ، مەن ھەپتە ئاخىرىدا سىزگە ياردەملەشكىلى بارىمەن».
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، خىزمەت قىلىۋاتقان چېن دۇڭمېي ئابدۇللا غەيرەتنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئىككىيلەن مۇڭداشتى، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئىناقلىق يۇغۇرۇلغان كەيپىياتتىن چېن دۇڭمېينىڭ خىزمەتداشلىرىنى ئىختىيارسىز: «تۇغقىنىڭىز سىزگە بەك يېقىن ئىكەن!» دېيىشتى.
چېن دۇڭمېي ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، چېن دوڭمېيدىن يېشى كىچىكرەك بولغان ئابدۇللا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كاۋاپخانىنىڭ خوجايىنى. ئۆيلىرىنىڭ ئارىلىقى بىر كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بۇ ئىككىيلەننىڭ تونۇشقىنىغا سەككىز يىل بولدى.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى چېن دۇڭمېي(سولدا) ئابدۇللا غەيرەت بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى فوتوسى
ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئابدۇللا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، كاۋاپخانا ئاچتى. 2016-يىلى، بىر قېتىملىق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىدە، ئابدۇللانىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەسلىدىكى كىچىك دوستلارغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئىئانە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، چېن دۇڭمېي ناھايىتى تەسىرلەندى. «مەن ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ پايدىسىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، سودىسىنىڭ بەزىدە ياخشى، بەزىدە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە ئۇ كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ، ياردەم بېرىدۇ.» چېن دۇڭمېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئابدۇللانىڭ پەزىلىتىدىن تەسىرلەندىم، شۇ چاغدا بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ۋىيشىنىنى قوشۇۋالدۇق.
بىر مەزگىل، چېن دۇڭمېينىڭ ئىدارىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇردى. ئۇنىڭ مەيلى قەھرىتان سوغۇق ياكى تومۇز ئىسسىقتا بولسۇن، دائىم تەۋەلىك رايوندىكى سودىگەرلەرگە سىياسەت تەشۋىق قىلىپ سۆزلىگەنلىكىنى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ناھايىتى ئالدىراش يۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئابدۇللانىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇسى كەلدى. بىر كۈنى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېن دۇڭمېينى ئىزدەپ بېرىپ: «ئاچا، سىز تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتىسىز، مەنمۇ كۈچۈمنى چىقىراي دەيمەن!» دېدى.
قانداق كۈچ چىقىرىدۇ؟ ئابدۇللا ئۆزىنىڭ كاۋاپخانىسىدا كۆچمە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات نۇقتىسى قۇرۇپ، چېن دۇڭمېي تارقاتقان كىتابلارنى دۇكانغا تىزدى. خېرىدارلار تاماقنىڭ چىقىشىنى ساقلاش ياكى تاماق يېيىش جەريانىدا، ھەقسىز ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، كىتابنى ئېلىپ كەتسىمۇ بولىدۇ. «بۇ خىل تەشۋىق قىلىشنىڭ ياخشى چارە بولۇپ قېلىشىنى، ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلەرنى دۇكانغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا جەلپ قىلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.» چېن دۇڭمېي مۇنداق دېدى: شۇ يىلى ئابدۇللانىڭ كۆچمە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات نۇقتىسىدا 600دىن ئارتۇق كىتاب تارقىتىلدى، راستلا ماڭا ياردەملىشىپ خىزمتىمنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆسۈرۈشكە كۆپ ياردىمى بولدى.
چېن دۇڭمېي ئىلگىرى كوچا باشقارمىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئابدۇللا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ئابدۇللا بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ھېكايىسىنى ئىتوت قىلىپ ئىشلەش، ئىككىيلەننىڭ رول ئېلىپ كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەردە ئويۇن قويۇش تەكلىپىنى بەردى.
«شۇ كۈنلەردە، ئىنىمنىڭ كاۋاپ سودىسى ياخشى ئىدى، مەن ئەسلىدە ئۇنى مېنىڭ بىلەن رېپېتىتسىيە قىلىشقا ماسلىشىپ بولالمايدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم». چېن دۇڭمېي مۇنداق دېدى: ئويلىمىغان يەردىن، ئابدۇللا ھېچنېمە دېمەستىنلا سودىسىنى تاشلاپ، مەن بىلەن بىللە رېپېتىتسىيە قىلىپ سەييارە ئويۇن قويدى، ئەينى چاغدا تەۋەلىكتىكى ئورۇنلاردا جەمئىي 12 مەيدان سەييارە ئويۇن قويدۇق، مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزمۇ شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندۇق.
چېن دۇڭمېي قىزىل كىرېست سىستېمىسىغا خىزمەتكە كىرگەندىن كېيىن، دائىم جىددىي قۇتقۇزۇش، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش قاتارلىق تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇردى. ئابدۇللا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، تەشۋىقاتچى بولۇشنى ئۈستىگە ئالدى، پۇرسەت بولسىلا چېن دۇڭمېيغا ماسلىشىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.
ماڭا قىلىنغان ئازراق ياخشىلىقنىمۇ ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن. ئابدۇللا چېن دۇڭمېينىڭ خىزمىتىنى قوللىغاچقا، چېن دۇڭمېي ئۇنى ئۆز ئىنىسىدەك كۆرىدىغان بولدى. ئابدۇللانىڭ قىزى بۇ يىل 11 ياشقا كىردى، بۇ يىللاردىن بۇيان، بۇ قىزچاق چېن دۇڭمېينىمۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەك كۆرۈپ كەلدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش، دەرس تەكرارلاش، ئاغرىپ قالسا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش... قىزچاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى ھەر بىر ئىشتا چېن دۇڭمېينىڭ قاتناشقانلىقىنىڭ ئىزنالىرى بار.
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئابدۇللا ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىققا يولۇقتى، چېن دۇڭمېي يىغقان پۇلىنى ئۇنىڭغا بېرىپ تۇردى، ئابدۇللانىڭ خوتۇنىنىڭ گۈل دۇكىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى، ۋاقتى بولسىلا ئۇ دۇكانغا بېرىپ گۈل سېتىشىپ بەردى. چېن دۇڭمېي ئابدۇللانىڭ كاۋاپخانىسىنىڭ سودىسى كاسات بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى دۇكانغا بېرىپ ئىستېمال قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغاندىن باشقا، يەنە دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ دۇكانغا بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتى ھەم ئابدۇللا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنگە دۇكاندىكى مەززىلىك تائاملارنى سۈرەتكە تارتىپ، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. بىر قاتار ئەمەلىي ياردەملەر ئابدۇللانىڭ كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ئۆينىمۇ چېن دۇڭمېينىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن سېتىۋېلىپ، ئىككى ئائىلىنىڭ ئۆز ئارا بېرىش-كېلىش قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى.
«ئىلگىرى مېنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىم بار ئىدى، ھازىر ئۆيۈم، ماشىنام بار بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى چېن ئاچامنىڭ ياردىمىدىن بولدى» ئابدۇللا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ئۆمرۈمدە چېن ئاچام بىلەن تۇغقان بولغىنىم بولغان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى