تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسلاھات تېز ئىلگىرىلىدى، پويىز تېز يۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئاقسۇ ۋوگزالىدىن يولغا چىققان 74041 قېتىملىق 10 مىڭ توننىلىق پويىز قەشقەر ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن، بۇ رايون بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىز دائىملىق قاتناش ئىشقا ئاشتى.

بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى بۇ يىللىق نۇرغۇن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، بولۇپمۇ 7 ـ ئايدىن بۇيان، بىر ۋوگزالدىن بىۋاسىتە بارىدىغان يولۇچىلار پويىزى قاتناش، 10 مىڭ توننىلىق پويىز دائىملىق قاتناش، «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت مەخسۇس پويىزى قاتناش، كۆمۈر ئايلانما پويىزى «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دە قاتناش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، تۆمۈريول سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەندىزىنى تېخىمۇ يېڭىلاپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى توشۇش ئىقتىدارى تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

سۈرئەت تېخىمۇ تېزلەشتى

8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى سائەت 14تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا C863 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى بورتالاغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئۈرۈمچىدىن بورتالاغا بىر ۋوگزالدىن بىۋاسىتە بارىدىغان «فۇشىڭ ناملىق» بۇ نۆۋەتلىك شەھەرلەر ئارا پويىزنىڭ پۈتۈن مۇساپىنى بېسىشىغا ئۈچ سائەت 57 مىنۇت كېتىدىغان بولۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتىكى باشقا «فۇشىڭ ناملىق» شەھەرلەر ئارا پويىزغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر سائەت ئىككى مىنۇت ۋاقىتنى تېجەيدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلار تىرانسپورتى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا يولۇچىلار پويىزى، «بىر ۋوگزالدىن بىۋاسىتە بارىدىغان» پويىز قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ يولغا سېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى قاپلىغان ئىككى سائەتلىك، ئۈچ سائەتلىك، تۆت سائەتلىك تۆمۈريول تېز سۈرئەتلىك قاتناش چەمبىرىكىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى تاللىشى تېخىمۇ كۆپ بولدى.

قەشقەر ۋوگزالىدا، يېقىندا يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ قاتنىغان Z9851/2 قېتىملىق بىۋاسىتە بارىدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قەشقەردىن خوتەنگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. بۇ پويىز يول بويى يەكەن، قاغىلىق ۋوگزالىدا توختايدىغان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىگە بەش سائەت ئىككى مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئوخشاش يۆنىلىشتىكى باشقا يولۇچىلار پويىزىغا سېلىشتۇرغاندا سەپەر ۋاقتىنى تەخمىنەن ئىككى سائەت 40 مىنۇت تېجەيدۇ.

«ئىلگىرىكىدىن ئۈچ سائەتكە يېقىن تېز بولدى، ناھايىتى قولايلىق ئىكەن» دېدى يولۇچى ئابدۇۋاھاپ تۇرسۇنجان.

ۋاقىت ـ بوشلۇق ئارىلىقىنى قىسقارتىش ئاساسىدا، 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ئۈرۈمچى ـ غۇلجا، ئاقسۇ ـ كورلا قاتارلىق نۇرغۇن جاي ئارىسىدا ئون جۈپ يولۇچىلار پويىزىنى زىچ كۆپەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتناش چەمبىرىكىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەتنى قولاي ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

يولۇچى توشۇش سۈرئىتى تېزلىشىپلا قالماي، يۈك تىرانسپورت ئۈنۈمىمۇ ئاشتى.

ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى رەقەملەشكەن پورت قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش، ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، يۈرۈش، يۈك توشۇش، قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتنى توردا يوللاش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قەغەزسىزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

«چېگرادىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى بەش سائەت ئىچىدە بولۇشقا قىسقارتىلدى، چېگرادىن كىرىدىغان ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش تەرتىپى تۆت سائەت تېزلىتىلدى» دېدى ئالاتاۋ ۋوگزالى يۈرۈشتۈرۈش سېخىنىڭ مۇدىرى يەن خۇاپېڭ.

مۇلازىمەت تېخىمۇ ئەلالاشتى

C863 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىدا، ئىككى بالا يولۇچى رەسىملىك كىتابنى ئېلىپ ئالدىرىماي كۆرۈۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ يېنىغا يەنە يولۇچىلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى سىزىلغان بىرنەچچە پارچە رەسىملەر توپلىمى قويۇلغانىدى.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى شەھەرلەر ئارا پويىز ئەترىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ كۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: خىزمەتچى خادىملار پويىزدا مەخسۇس بالا يولۇچىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇشلۇق ۋە ئويۇنچۇقلارنى تەييارلىدى، سەپەر جەريانىدا خىزمەتچى خادىملارنى ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.

يېرىم كېچىدە، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 10 مىڭ توننىلىق پويىزغا لىق كۆمۈر قاچىلىنىپ، شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، گەنچۈەنپۇ ۋوگزالىغا بىخەتەر يېتىپ كەلدى.

گەرچە باش كۈز كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئىزچىل تۆۋەنلىمىدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشتى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنى تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، توشۇش كۈچىنى دەل جايىدا ئاجرىتىپ، توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«پويىز بىلەن تەمىنلەشكە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق كۆمۈر توشۇش مەخسۇس پويىزىنى يولغا سېلىش بىلەن بىللە، ئۈستى ئوچۇق يۈك ساندۇقىغا قاچىلاپ توشۇشنى تەشكىللەپ، پويىز مەنبەسىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، يۈك بولسىلا پويىز بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، توشۇش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى سۇڭ چېنياڭ.

10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ قاتنىشىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان پويىز گۇرۇپپىلاش ۋە يۈرۈش پىلانى تۈزۈپ، ھەربىر قېتىملىق پۈتۈن كۆمۈر پويىزىنىڭ دەل ۋاقتىدا يولغا چىقىپ، مەنزىلگە بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز غوللۇق پاراۋۇز شوپۇرلىرىنى 10 مىڭ توننىلىق پويىزدا نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تاللاپ، 10 مىڭ توننىلىق پاراۋۇز شوپۇرلىرى پاراۋۇز ئەترىتى قۇرۇپ، 10 مىڭ توننىلىق پويىزغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى ئۈرۈمچى ئىشلىتىش سېخىنىڭ مۇدىرى يەن تيەنپېڭ.

ئەندىزە تېخىمۇ يېڭىلاندى

پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، ئوبوروت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەرسە تورىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بىر گەۋدە بولۇپ جىپسىلاشقان ئوبوروت قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ يىل تىرانسپورت ئەندىزىسى جەھەتتە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

7 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، لىنخې ـ قومۇل تۆمۈريولىنىڭ قومۇل شەرقى ـ ۋۇتۇڭشۈي بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىز تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە قاتنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيدى، 7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ قىسمەن رايون بۆلىكى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىدىمۇ 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى ئوڭۇشلۇق قاتنىدى.

7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، شىنجاڭدا «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۇنجى تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت مەخسۇس پويىزى قاتنىدى. «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى مەخسۇس پويىزىدا پۈتۈن مۇساپىلىك تىرانسپورت كۈچىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىش تۆمۈريولدىلا تاماملىنىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىپ، «بىر پارچە توشۇش تالونى بىلەنلا پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۆمۈريول تىرانسپورتى بىلەن دېڭىز تىرانسپورتى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇلدى.

8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بورتالاغا بىر ۋوگزالدىن بىۋاسىتە بارىدىغان «فۇشىڭ» ناملىق شەھەرلەر ئارا پويىز قاتنىدى، بۇ پويىز ئارىلىق بېكەتتە توختىماي مەنزىلگە بىۋاسىتە باردى.

8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزى شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، كەچتە شىخەنزە ۋوگزالىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ باردى. 7 ـ ئايدىن بۇيان، «يولۇچىلار پويىزى شەكلى»دىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزى دائىملىق قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كېيىنكى مەزگىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بازارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى داۋاملىق چىڭ كۆزلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئەشيا ئوبوروتى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، توشۇشنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ ئېھتىياجى بولسىلا، تۆمۈريول تارماقلىرى ئىنكاس قايتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.