8 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئالتاي شەھىرى چىرىكچى يېزىسىنىڭ 640 تۆپىلىك بۆلەك رايونىدىكى بۇغدايلىقتا، كومبايىن بۇغداي يىغماقتا. بۇ يىل، ئالتاي شەھىرىنىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 25 مىڭ 300 مو بولۇپ، نۆۋەتتە، بۇ جاي 10 مىڭ توننا ئاشلىق سىغىدىغان ئامبارنى بوشىتىپ، 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا. □فۇ خاۋدۇڭ فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى
8 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئەمدىلا بۇغداي ئورۇش مەزگىلىگە كىرگەن جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزىسى تاستى كەنتىدە، ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى رېن جياڭلىن تولۇق دان تۇتقان بىر باغلام بۇغداينى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ يۇرتداشلىرى بىلەن مول ھوسۇل شادلىقىدىن تەڭ بەھرىلەندى: «بۇ يىل بۇغدايدىن ياخشى ھوسۇل ئالدۇق، مو بېشى ھوسۇلىمىز بۇلتۇرقىدىن 20 كىلوگىرام ئاشسا، 800 مو يەردىن 16 توننا بۇغداينى كۆپ ئالغۇدەكمىز».
6 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا جەنۇبتىن شىمالغىچە، تۈزلەڭلىكتىن تاغلىق رايونلارغىچە، مەيىن شامالدا دولقۇنلىنىپ تۇرغان بۇغدايلاردىن شەكىللەنگەن ئالتۇن رەڭلىك يۆگىمە رەسىم ئارقا ـ ئارقىدىن نامايان بولدى. كومبايىنلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىق غەلىبە خەۋىرى ئۈزۈلمەي تارقالدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 574 مىڭ 600 مو، يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇلى مو بېشىغا 394.59 كىلوگىرام بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 7.28 كىلوگىرام ئاشقان، بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلىدا ئۇدا ئالتە يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
يازلىق يىغىم پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى «تۇنجى جەڭ»، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق جەڭنى ياخشى قىلىش پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىقتىن يەنە بىر قېتىم قىممەتلىك مول ھوسۇل جاۋاب قەغىزى تاپشۇرغانلىقىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقى، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
«بەش ياخشى»غا كۈچ چىقىرىش
ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» مۇستەھكەملەندى
«بۇلتۇر 10 ـ ئايدا كۈزگى بۇغداينى تېرىشنى باشلىغاندىلا، بۇ يىللىق ھوسۇلىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم، چۈنكى بىزنىڭ تېرىقچىلىق ئۇسۇلىمىز بارغانسېرى ئىلمىيلىشىۋاتىدۇ.» 8 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كەڭ بىر پارچە ئېڭىزغا تېرىلغان ياپيېشىل كۆممىقوناققا قاراپ، كۇچا شەھىرى دۆڭقۇتان بازىرى يېڭى ئېرىق كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى تەن چىڭشۆ شۇنداق دېدى.
تەن چىڭشۆنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆممىقوناقلىقنىڭ كۆلىمى 950 مو بولۇپ، بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى بۇ يەردە ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي باشاقلىرى شامالدا دولقۇنلىنىپ تۇراتتى. 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇ بۇغداينى ئورۇپ ئاپتاپقا سالغاندىن كېيىن، ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەندە، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 600 توننىغا يېقىنلاشقانلىقىنى، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 620 كىلوگىرامدىن كۆپرەككە يەتكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يىلى مو بېشى ھوسۇلى 570 كىلوگىرام بولغان، بۇلتۇر مو بېشى ھوسۇلى 600 كىلوگىرامغا يېقىنلاشقانىدى، بۇ يىل ھوسۇل يەنە ھەقىقىي تۈردە ئاشتى. ھوسۇل ھەر يىلى ئېشىۋاتىدۇ، قارىغاندا «بەش ياخشى» ئۇسۇلى بەك قالتىس ئىكەن!
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېميىەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لېي جۈنجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: دېھقانلار مۇئەييەنلەشتۈرگەن «بەش ياخشى» − ياخشى ئېتىز، ياخشى سورت، ياخشى پەرۋىش، ياخشى دېھقانچىلىق ماشىنىسى، ياخشى تۈزۈم ـ تەدبىرنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاشلىقتىن ئۇدا خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئالغانلىقى، بىرلىك ھوسۇلنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغانلىقىدىكى ئاچقۇچ «بەش ياخشى»نى توپلاشتۇرۇپ قوللانغانلىقى، يۇغۇرما كۈچىگەنلىكىدە. بۇ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقى، نوقۇل ھالدا مەلۇم بىر ئامىلغىلا تايانغىلى بولمايدىغانلىقى، بەلكى ھەر تەرەپلىمە ئۇنىۋېرسال كاپالەت سىستېمىسى ئارقىلىق تىرەك بولۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللانغاندىلا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»نى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتا، يەتتە ئۈلۈشى تېرىشقا، ئۈچ ئۈلۈشى پەرۋىشكە باغلىق. شىنجاڭ دىققەتنى مۇنبەت ئېتىز، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى يېزا ئىگىلىك سايمانلىرى، ياخشى تۈزۈمدىن ئىبارەت بەش چوڭ مۇھىم ئامىلغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇغداي تېرىشقا يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلدى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى ۋە كىلىمات پەرقى بىرقەدەر چوڭ، ھەرقايسى جايلار تېرىغاندا مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق مىقداردا تېرىپ، كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن بۇرۇن ساغلام مايسا چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ يازغى بۇغداينى ئىمكانقەدەر بالدۇر تېرىپ، دان تۇتۇش مەزگىلىدىكى قۇرغاق ئىسسىق شامالدىن ساقلاپ، مىڭ دانە داننىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھوسۇلنى ئۆستۈردى. تېرىقچىلىق چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ھەرقايسى جايلاردا بىرقەدەر مۇۋاپىق كېلىدىغان بۇغداي سورتلىرىنى كېڭەيتتى. ئومۇمىي تېرىش سۈپىتى ۋە ھوسۇلنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار مۇۋاپىق زىچ تېرىشنى سىناق قىلىپ، قۇر ئارىلىقىنى كىچىكلىتىش ئاساسىدا مايسىنىڭ تولۇق، تەكشى، بىردەك بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. قۇرۇق تېرىپ ئاز ـ ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە قوللىنىش، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينىدى.
«ئاشلىقنى ياخشى تېرىشتا بىلىم كۆپ بولمىسا بولمايدۇ! ئەگەر ئاشلىق تېرىش جەريانىدىكى پەن ـ تېخنىكىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىسەك، يەر تېرىشىمىز بارغانسېرى ئاسانلىشىدۇ، ھوسۇلمۇ بارغانسېرى مۇقىم بولىدۇ» دېدى دۆربىلجىن ناھىيەسى شاڭخۇ بازىرى كوربۇلاق 4 ـ كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى سۇڭ خۇڭۋېي. شۇ جاينىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى، شۇنداقلا چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ سايمانلىرى ۋە ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئاشلىق تېرىش غەيرىتى بارغانسېرى ئېشىپ، بۇ يىل 3000 مودىن ئارتۇق يەرگە بۇغداي تېرىدى.
قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش
ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى پۇختا ئىگىلەندى
بۇ بىرقانچە كۈندە، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاپتوموبىلدىكى بۇغداينىڭ ئۇن زاۋۇتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىشىغا ئەگىشىپ، گۇچۇڭ ناھىيەسى جېبىكى بازىرى دابەنخې كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى ۋاڭ شۆشىننىڭ ھاردۇقى چىقتى. ئادىتى بويىچە، ئۇ ھەر كۈنى يەنىلا پات ـ پات ھاۋارايى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ.
«ھازىرقى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ھەقىقەتەن بەك ئىلغار، مەن ھەر يىلى كۈزدە بۇغداي تېرىپ، كېلەر يىلى ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا تولۇق ئىشەنچ قىلىمەن. لېكىن بۇغداينى يىغىۋېلىشتىن بۇرۇن، مەن ئىزچىل دەككە ـ دۈككە بولۇپ، ھاۋانىڭ دېگەندەك ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى ۋاڭ شۆشىن. بۇ يىلنى مىسالغا ئالساق، بۇغداي قايتا كۆكلىگەندىن كېيىن، تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق، قۇرغاق ئىسسىق شامال، پات ـ پات يامغۇر يېغىش بۇغداينىڭ ئۆسۈشىگە داۋاملىق دەخلى قىلدى. بەختكە يارىشا ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى بۇغداينىڭ باشاق چىقىرىش مەزگىلى ۋە دان تۇتۇش مەزگىلىدە قانداق دورا چېچىش، سۇ، ئوغۇتتىن قانداق ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشقا ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋاڭ شۆشىننى بىر نەچچە قېتىم خەۋپ ـ خەتەردىن ساقلاپ قالدى، ئاخىرىدا بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 540 كىلوگىرامدىن ئارتۇققا يەتتى.
ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتا، ئەزەلدىن «ھاۋانىڭ ياخشى بولۇشى»غىلا تايىنىشقا بولمايدۇ. پايدىسىز ھاۋارايى شارائىتى ئالدىدا، كىشىلەر قەتئىي بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە غەلىبىگە ئىنتىلگەندىلا ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىيەلەيدۇ.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لو جى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى تەكرار، كۆپ يۈز بەردى. 3 ـ ئاي كىرگەندىن كېيىن، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇردى، ئىدارىمىز ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، دوۋيىن ئارقىلىق ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرى تەكلىپىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6 ـ ئايغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆپ يۈزبەردى، شۇ جايدىكى ھاۋارايىغا سۈنئىي ئۇسۇلدا تەسىر كۆرسىتىش ئىشخانىسى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تورىنى زىچ توقۇپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاشلىق زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 8 مىليون 800 مىڭ مو(بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 4 مىليون 50 مىڭ مو، قوناق 4 مىليون 520 مىڭ مو، دادۇر 120 مىڭ مو، باشقا ئاشلىق زىرائەتلىرى 110 مىڭ مو) بولۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ جاي «2024 ـ يىللىق كۈزگى بۇغداينىڭ ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەڭشەپ تەقسىملىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مايسىلارغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، بۇغداي قايتا كۆكلەش، سۇ ۋە ئوغۇتنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتتى.
مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش
ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا بىرىكمە مۇشت ياخشى ئېتىلدى
بۇ يىل، كۈنەس ناھىيەسى زەكتى بازىرى زەكتى كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى لى شىڭچيۇڭ 400 موغا يېقىن بىنەم يەرگە تېرىغان بۇغدايلىقتا تېرىش، پەرۋىش قىلىشتىن يىغىۋېلىشقىچە ھەممسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ھەر مو يەردىن بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ھوسۇل ئېلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا تەمىنلىگەن ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمىتىدىن بولدى.
يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇغداي يىغىۋېلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، كۈنەس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىن يېتەرلىك تەييارلاپ، كۈچلۈك تەييارلاپ، رايون ھالقىغان مەشغۇلات مۇلازىمەت پونكىتىدىن 11نى قۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى كومبايىندىن 200دىن ئارتۇقنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ ۋە تەڭشەپ تەقسىملەپ، يازلىق يىغىم خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.
يازلىق يىغىم جەريانىدا، قاراقاش ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق يىغىۋېلىش ھالقىسىدىكى زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن، بۇغداي يىغىۋېلىشتا زىياننى ئازايتىش بويىچە «بەسلىشىش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرى كومبايىننى كونترول قىلىپ مەشغۇلاتنى قانات يايدۇردى، باھالىغۇچى خادىملار يېزا ـ ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا يىغىۋېلىنغان بۇغداينىڭ پاكىزلىنىش نىسبىتى، پارچىلىنىش نىسبىتى ھەم ئارىلاشما ماددا نىسبىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ مۇكاپات تۈرىنى باھالاپ چىقتى.
ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىر ئورگانىك پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، سىياسەت زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، يىغىپ ساقلاش زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، پىششىقلاش زەنجىرى، سودا زەنجىرىدىكى ھەربىر زەنجىرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، بۇ ئىدارە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش» ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئالتە بولۇش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلغان. يەنى، ئامبارلارنى بىكارلاش ـ بىرلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، «ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان؛ پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان؛ مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان؛ شىنجاڭنىڭ ئاشلىقىنى سىرتقا توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئاشلىق توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان؛ كەسىپكە سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئاشلىقنى گۈللەندۈرىدىغان كەسىپ بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان؛ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئاشلىقنى قوغدايدىغان قانۇن بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان.