تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى | شىنجاڭدا كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدە «چىراي تونۇتۇپ» كەسىپ بېجىرىش نۇقتىدا سىناق قىلىندى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتىدە، كەنت دوختۇرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 78 ياشلىق كەنت ئاھالىسى سەمەت ئەرشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، قولىدا ئېلىپ يۈرىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تېرمىنالىدا «چىراي تونۇتۇش» ئارقىلىق ئۇنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بوۋاينىڭ بۇ مەزگىلدە دورا ئىشلىتىشنى ئۈزۈپ قويغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاقتىدا دورا سېتىۋېلىشنى ئەسكەرتتى.

8-ئاينىڭ 2-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتىنىڭ كەنت دوختۇرلىرى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، «چىراي تونۇتۇش» تېرمىنالى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

لى خۇڭ فوتوسى

    بۇ يىل 7-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تۈگمەنبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت دەرىجىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تېخنىكا كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنت داۋالاش ئۆيىگە ئۈستەل يۈزى شەكلىدىكى ۋە قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تېرمىنالى سەپلەپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرى كىملىك، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئېلىپ يۈرمىسىمۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودىنى كۆرسەتمىسىمۇ بولىدىغان، پەقەت «چىرايىنى تونۇتۇپ» دەلىللىسىلا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى، كەنت دەرىجىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنى كارتا سۈركەپ بېجىرىش، كود سۈركەپ بېجىرىشتىن «چىراي تونۇتۇپ» بېجىرىشكە ئۆزگەرتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگىچە كېڭەيتتى.
    «بىز خىزمەت جەريانىدا كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقى، ھەتتا داۋالاشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا ئاندىن كېسەل كۆرسىتىدىغانلىقىنى، يەنە تېخى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق. خىزمەت ئەترىتىمىز باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، كەنت دوختۇرلىرى ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، <چىراي تونۇتۇش> تېرمىنالى ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، تۈرلۈك تارىخىي كېسەل كۆرسىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا كېسەل كۆرسىتىش تەكلىپى بىلەن تەمىنلىدۇق ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالى ئىھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇلارغا باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش كەسىپلىرىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىپ، ئاممىغا يەنىمۇ قولايلىق ياراتتۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تۈگمەنبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى رۈي لېي.
    85 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئايشەم مىرئاۋۇت يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، يىل بويى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولۇپ، كەنت دوختۇرلىرى قەرەللىك ھالدا ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلاتتى. ئۇنىڭ قىزى مۇنداق دېدى: «ئانام يان تېلېفون ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ، كەنت دوختۇرى كېلىپ سالامەتلىك تەكشۈرگەندە، ئانام <چىراي تونۇتۇش> ئارقىلىقلا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرەلىدى. مەن باشقا جايغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشنى پىلانلاۋاتىمەن، كەنت دوختۇرى ئۆيىمىزدە تۇرۇپلا ماڭا باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى بېجىرىپ بەردى، بۇ بەك قولايلىق ئىكەن». 

8-ئاينىڭ 2-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتىنىڭ داۋالاش ئۆيىدە، كەنت دوختۇرى «چىراي تونۇتۇش» تېرمىنالى ئارقىلىق كەنت ئاھالىسىگە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىپ بەرمەكتە.

لى خۇڭ فوتوسى

    ئىگىلىنىشىچە، «چىراي تونۇتۇش» كەسپى يولغا قويۇلغان 20 نەچچە كۈندىن بۇيان، كەنت ئاھالىسىگە 100 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلىنىپ، 20 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئائىلىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.