تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تاغ-دەريالاردىن ھالقىش! گۇاڭجوۋ بىلەن كوناشەھەردىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەر ئۆزئارا تۇغقانلاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، گۇاڭجوۋ بىلەن كوناشەھەردىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» تۇغقانلىشىش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. گۇاڭجوۋ ۋە كوناشەھەردىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى 20 ئائىلىنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن مۇڭدىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭرىتىپ، «ئانار گۈلى»نى گۇاڭجوۋ-كوناشەھەر ئىككى جايدا داۋاملىق پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

   پائالىيەت نەق مەيدانىدا، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ئىككى جايدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەر بىرگە بىر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، ھەم ئائىلىلىرىدىكى «ئەڭ گۈزەل» ھېكايىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشۇپ، ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشىپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى قويۇپ دوستلۇقنى ئىزھار قىلىشتى، تۇغقانلىشىش نەق مەيدانىدىكى پۈتكۈل جەريان ئىناقلىققا ۋە ئىللىقلىققا تولدى. گۇاڭجوۋدىكى ئائىلىلەر تۇغقانلىرىغا گۇاڭدۇڭنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە پېچىنە-پىرەنىكلىرى، ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى، ھۆسنخەت، رەسىم، ئويۇنچۇق قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلدى، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئائىلىلەر گۇاڭجوۋدىكى ئائىلىلەرگە يىپەك شارپا، چىمەن دوپپا، داپ قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئىككى جايدىكى ئائىلىلەر يەنە نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى، چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان خور، گۇاڭجوۋنىڭ شەھەر تارىخىنى جانلىق بايان قىلىش قاتارلىق نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

   مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گۇاڭجوۋ-كوناشەھەر ئىككى جايدىكى قوشماقلاشقان ئائىلىلەر ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتى، توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كوناشەھەردىكى قوشماقلاشقان ئائىلىلەر يەنە گۇاڭجوۋلۇق تۇغقانلىرىنى ئۆيىگە كېلىپ بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، گۇاڭجوۋلۇق تۇغقانلار شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەززىلىك تائاملىرى ۋە قوغۇن-تاۋۇز، مېۋىلىرىنى تېتىدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە پاراڭلاشتى، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، بالىلار ئۆزئارا قىزىقىشى ۋە غايىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى پاراڭلاشقانسېرى يېقىنلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى 2024-يىللىق گۇاڭجوۋ-كوناشەھەر ئىككى جاينىڭ «ئانار گۈلى . ئاياللارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتىدە، گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ئون «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ۋەكىلى كوناشەھەر ناھىيەسىدە بىر ھەپتىلىك قوشماقلىشىش، ئارىلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

(كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئايشەمگۈل)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.