تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

ئاتا-ئانىلار دىققەت: يازلىق تەتىلدە بالىلارنى كۆزىنى ئىلمىي ئىشلىتىشكە قانداق يېتەكلىشى كېرەك؟ تۆۋەندىكى كۆرسەتمىنى ساقلىۋېلىڭ

    يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئاتا ئانىلار بالىلارنى ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە كۆزنى ئىلمىي ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك، بۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە.

    يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كۆزىنى ئىلمىي ئىشلىتىشكە قانداق يېتەكلىشى كېرەك؟

    بىرىنچى، دالا پائالىيىتىنى كۆپەيتىش كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ سائەت دالا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، ئۇزۇن ۋاقىت يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلىتىشنى ئازايتىش كېرەك. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنىڭ ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقى بولىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلىتىشتە «20 - 20 - 20» دېگەن قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك، يەنى، يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلەتكەن ھەر 20 مىنۇتتا، كۆزىنى 20 فۇت، يەنى ئالتە مېتىر يىراقلىقتىكى جىسىمغا قارىتىش، ئاز دېگەندە 20 سېكۇنت تىكىلىپ تۇرۇش كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت يېقىن ئارىلىقتىن كۆز ئىشلىتىشنى ئازايتىش يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى.

    ئۈچىنچى، يورۇق ھەمدە يورۇتۇلۇش دەرىجىسى مۇۋاپىق بولغان مۇھىتتا كۆز ئىشلىتىش كېرەك. يورۇتۇلۇش دەرىجىسى بەك كۈچلۈك ياكى بەك قاراڭغۇ بولغان نۇر ئاستىدا كىتاب كۆرمەسلىك، ئۆي ئىچىنى 40 ۋاتلىق كۈن نۇرلۇق چىراغ بىلەن يورۇتۇش، چىراغنىڭ ئۈستەل يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى 1.4 مېتىر قىلىپ تەڭشەش كېرەك؛ ئەگەر يان تېلېفون ياكى تاختا كومپيۇتېر ئىشلەتسە، ئېكراننىڭ يورۇقلۇقىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك.

    تۆتىنچى، يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېتەرلىك ئۇخلاش كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، يېمەك-ئىچمەكتە ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش، يۇقىرى قەنتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئامال بار يېمەسلىك كېرەك.


    يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇللىرى قايسىلار؟ ئۈنۈمى قانداق؟ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسىدە دائىم قانداق خاتا قاراشلار كۆرۈلىدۇ؟

    كۆپ ئۇچرايدىغان يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ياخشىلاش ئۇسۇلى كۆزەينەك تاقاش ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاتتىق ھالەتتىكى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان تېگىشكۈچ ئەينەك (OK كۆزەينىكى) تاقىغاندىن كېيىن بېسىم ئارقىلىق مۈڭگۈز پەردە شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ، بۇ ئارقىلىق مۈڭگۈز پەردىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، كېچىدە تاقاش ئارقىلىقلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، OK كۆزەينىكىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ئىكەن، ئەمما ئۇ مۈڭگۈز پەردە بىلەن ئۇچراشقاچقا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ دەلىللەشكە توغرا كېلىدىكەن. بالىلار OK كۆزەينىكىنى تاقاشتىن بۇرۇن چوقۇم تولۇق باھالىتىپ، دوختۇرنىڭ پىكرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

    يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بارلىق ئاغرىقلارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ھامان، كۆزەينەك سەپلەپ ياخشىلاش ھەمدە قەرەللىك ھالدا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈتۈش، دىياگنوز قويغۇزۇش كېرەك، بولمىسا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ نورمال كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

    نۆۋەتتە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى ئاساسلىقى مۈڭگۈز پەردە نۇر سۇندۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ۋە كۆز ئىچى نۇر سۇندۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئوپېراتسىيە چوقۇم 18 ياشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆز ئالمىسى تېخى يېتىلىپ بولالماي تۇرۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولمايدۇ. ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ قايتا تەرەققىي قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن قاتتىق باھالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

    ھازىر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خاتا قاراش شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ساقايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئوپېراتسىيە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆز ئالمىسى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەل قىلالمايدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئاغرىقلار يەنىلا ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ، كۆز تېگىنى تەكشۈرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك كۆز تېگى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئاخبارات تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.