7-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك پىرىنسىپى»نى ئېلان قىلدى.
ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىش ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇ ئىشقا ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. يېتەكچىلىك پىرىنسىپىدا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، بالدۇر ئارىلىشىش ۋە كېسەللىكتىن ئالدىن سىگنال بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىلمىي، سىستېمىلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
يېتەكچىلىك پىرىنسىپىدا، ساغلام غىزالىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇزنى ئاز، ماينى ئاز، شېكەرنى ئاز قوشۇش؛ ئىلمىي ئارىلىشىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي ئەسكەرتىپ، مەكتەپلەرنى سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ئوزۇقلۇق يېتەكچىلىك خادىملىرىنى سەپلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛ بەدەن پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرىكەتنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەرنى ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە باشلىقلىرىغا سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش؛ «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىش خەۋپىنى ئۆزى ئۆلچەپ باھالاش جەدۋىلى»نى ئېلان قىلىپ، ئائىلە، مەكتەپلەرنى كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزى ئۆلچەپ باھالاش جەدۋىلىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىنى ھېسابلاش ئارقىلىق، باھالاش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش... قاتارلىق كونكرېت يولغا قويۇش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دۆلىتىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى