بالىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ يانمىسا،
ئىشتىھاسى تۇتۇلسا، شۆلگىيى ئاقسا ...
قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ياللۇغى بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
يېقىندا قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلمەكتە
مۇداپىئە-پەرۋىشنى ياخشى قىلىش ئاچقۇچ!
قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ياللۇغى ئۈچەي يولى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر قىزىش ۋە يۇتقۇنچاق-كېكىردەك قىسمىدىكى قاپارتمىنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكتۇر. قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قوزغىلىدۇ، ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە ئاساسلىق قوزغىلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئالتە ياشتىن تۆۋەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ياللۇغى ئاغرىقلىرىدا ئادەتتە يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلىدۇ، بىر قىسىم بالىلاردا يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. يۇتقۇنچاق-كېكىردەك قىسىمدىكى قاپارتقۇنىڭ تەسىرىدە بالىلار بىرەر نەرسە يۇتقاندا گېلى ئاغرىيدۇ، يىغلاش، تاماق يېمەسلىك، سۈت ئەممەسلىك، شۆلگەي ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئاتا - ئانىلارمۇ بالىنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى قاپارتمىنى كۆرەلەيدۇ، قاپارتمىنىڭ مەركىزى كۈلرەڭسىمان ئاق رەڭدە، ئەتراپى روشەن قىزىرىپ كەتكەن بولىدۇ، بىر، ئىككى كۈندىن كېيىن يېرىلىپ كىچىك يارا پەيدا بولىدۇ، يۇتقاندا ئاغرىق بىر قەدەر روشەن بولىدۇ.
ئائىلىدە پەرۋىش قىلغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
● بالىنىڭ قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان، ئاتا-ئانىلار بالىنى پەرۋىش قىلغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
● دېرىزىلەرنى قەرەللىك ئېچىپ شامالدىتىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش.
● بالىلارنى كۆپرەك سۇ ئىچىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش.
● قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قىزىتما تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئىسسىقتىن تارتىشىپ قېلىش ئېرىسىيەت تارىخى بار بالىلاردا تارتىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
● ئاغرىپ قالغان بالىلار قاتتىق قىزىغاندا، قىزىتمىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك. قىزىتما قايتۇرۇش تەدبىرى دورا ئارقىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ۋە فىزىكىلىق ئۇسۇلدا تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە برۇفېن(بۇلوفېن) ياكى ئاتسېتامىنوفېنول(يىشيەن ئەنجىفېن) قاتارلىق قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئىچسە بولىدۇ. فىزىكىلىق ئۇسۇلدا تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، مەسىلەن، قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى چاپلاش، باش قىسمىغا سوغۇق ئۆتكۈزۈش، بەدەننى ئىلمان سۇدا يۇيۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئىككى قېتىملىق قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنىڭ ئارىلىق ۋاقتىنىڭ تۆت سائەتتىن ئارتۇق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى كۆپ ئىشلىتىپ دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
● بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تۇخۇم ئۇمىچى، تېرىق ئۇمىچى، پۇرچاق سۈتى ياكى كۆكتات شورپىسى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، تەبىئىتى نىسبەتەن سوغۇق بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاشقا بولىدۇ، يېمەكلىكنىڭ زىيادە قىزىق بولۇپ كېتىپ ئاغرىقنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. تاماقتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىن فىزىئولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز چايقاش كېرەك.
● ئاتا - ئانىلار ئاغرىق بالىنىڭ روھىي ھالىتى ۋە يېمەك - ئىچمەك ھالىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشى، مەسىلەن، روھىي ھالىتى ناچارلىشىش، ئۇيقۇسى كېلىپلا تۇرۇش، ئىچى تىتىلداش، چىرايى تاتىرىش قاتارلىقلارنىڭ بار - يوقلۇقىنى كۆزىتىشى، ئەگەشمە كېسەللىك يۈز بېرىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
● تاماق يېمىگەن، سۈت ئەممىگەن بالىلاردا سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بالىنىڭ سۇسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، ئاتا - ئانىلار ۋاقتىدا ئۇنىڭغا سۇيۇقلۇق تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.
● بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيى ۋە ئىچىدىغان سۈتىنىڭ مىقدارىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر بالىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولسا، سۈيدۈك مىقدارىمۇ تەڭلا كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كېتىدۇ، يىغلىغان ۋاقىتتا ياش چىقمىسا، قىزىمىغان ۋاقىتتا پۇت - قوللىرى يەنە مۇزلاپ تۇرسا بالىنىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بالىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
● ئاغرىق بالىلار ئىشلەتكەن ئويۇنچۇق، قاچا - قۇچا ياكى باشقا بۇيۇملارنى ئۈزۈل - كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئادەتتە خلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى (مەسىلەن: 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى)غا چىلاپ، پاكىز سۇدا چايقاپ ياكى قاينىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ. ئىسپىرتنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس.
ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئىشلەش ئاچقۇچ
قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كۆپچىلىك تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
● ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار قولىنى پات - پات يۇيۇپ تۇرۇشى، تازىلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك.
● ئۆيدىكى چاغلاردا دېرىزىنى پات - پات ئېچىپ شامالدىتىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك.
● بالىلار ئويۇنچۇقى، قاچا-قۇچىلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.
● پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، قاينىتىلمىغان سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
● بۇ كېسەللىك كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىلدە، ئامال بار بالىلارنى ئادەملەر توپلاشقان، ھاۋا ئۆتۈشۈشى ناچار ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېلىپ بارماسلىق كېرەك.
● سىرتقا چىققاندا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش، مەسىلەن، ماسكا تاقاش، ئېغىز، بۇرۇن، كۆز قاتارلىق ئورۇنلارغا قول بىلەن تۇتۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
● ئاغرىق بالىلار بىلەن ئويۇنچۇقنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلار.
● يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
● EV71 ۋاكسىنىسىنى ئەملەش. EV71 ئۈچەي يولى ۋىرۇسى ئېغىر دەرىجىدىكى قاپارتمىلىق ئانگىنا -بوغۇز ياللۇغىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بولغاچقا، ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق ئېغىر دەرىجىدىكى قاپارتمىلىق ئانگىنا-بوغۇز ياللۇغى يۈز بېرىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ، لېكىن بالىدا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
گەرچە ئۈچەي يولى ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاغرىق بالىلار داۋالانسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بالا كېسەل بولغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاتسا بولىدۇ، ئاتا - ئانىلار زىيادە تەشۋىشلەنمەي، بالىنى ئائىلىدە ياخشى پەرۋىش قىلىپ، بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى