تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بارلىق تەييارلىقلار پۈتتى مارالبېشىدىكى 265 مىڭ مو يەردىكى يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار

   5-ئاينىڭ 28-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى يۇۋلياڭ ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىش-سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەركىزىي ئامبىرىدا خىزمەتچى خادىملار ھەرقايسى ئاشلىق ئامبارلىرىنى تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئاسراپ ۋە رېمونت قىلىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تاپشۇرۇشىنى قولايلاشتۇردى. كۈزگى بۇغداينىڭ ئارقا-ئارقىدىن پىشىش پەسلىگە كىرىپ، ئورما باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. مارالبېشى ناھىيەسى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئامبارلارنى بىكارلاپ، ئىسكىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈش، مەبلەغ توپلاش، ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، يىغىپ ساقلاش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق سېتىۋېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر زۇلپىيە)

خىزمەتچى خادىملار ھاۋا ئالماشتۇرغۇچنى تەكشۈرمەكتە.

خىزمەتچى خادىملار چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.