لازېر نۇرلۇق قەلەم كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز بىلەن ئەڭ ئاسان ئۇچرىشىدىغان لازېر نۇرلۇق بۇيۇم. ئۇ قارىماققا كىچىك، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ يورۇق نۇر − لازېر نۇرىنى تارقىتالايدۇ.
لازېر نۇرىنىڭ بىر نۇقتىغا يىغىلغاندىن كېيىنكى يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياش يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە يورۇقلۇق دەرىجىسىدىن نەچچە ئون مىليون ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. يۆنىلىشىنىڭ مەركەزلىك بولۇشى، ئاساسەن ئاجىزلاشماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى لازېر نۇرىنىڭ نۇر دېغىنىڭ گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن غايەت زور ئېنېرگىيەگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، لازېر نۇرى «نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئۆچمەس نۇر»غا ئايلانغان.
لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ كىچىك نۇر نۇقتىسى بالىلارغا چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ كۆزنى زەخمىلەندۈرۈشىگە ئائىت مىساللار تۇرمۇشىمىزدا كۆپ كۆرۈلدى.
لازېر نۇرى كۆزنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدىن ئۆتۈپ، ئېنېرگىيەنى سېرىق داغقا يىغىدۇ، فوتو خىمىيە ئېففېكتى ۋە ئىسسىقلىق ئېففېكتى ئارقىلىق قىسقىغىنە بىرنەچچە سېكۇنتتىلا سېرىق داغدا سۇلۇق ئىششىق، قاناش، يېرىق پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا كۆرۈش كونۇسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زەخمىسىنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، دورا ۋە ئوپېراتسىيەنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس.
لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ زىيىنىنى قانداق ئازايتىش كېرەك؟
بازاردىكى كۆپ قىسىم لازىر نۇرلۇق قەلەمنىڭ «خەتەرلىك» كۆرسەتمە بەلگىسى يوق، بەزى لازىر نۇرلۇق قەلەمگە ھەتتا «بالىلار بۇيۇملىرى» دەپ يېزىلغان. بالىلارنى لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ زىيىنىدىن قوغداش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار دىققەت قىلىشى كېرەك.
بىرىنچى، بالىلارغا لازېر نۇرلۇق قەلەم ياكى لازېر نۇر ئىقتىدارغا ئىگە ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۆيدە ياكى دەرسخانىدا لازېر نۇرلۇق قەلەم بولسا، بالىلار ئالالمايدىغان جايغا قويۇپ قويۇش كېرەك.
ئىككىنچى، بالىلارغا لازېر نۇرلۇق قەلەمنى خاتا ئىشلىتىشنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، لازېر نۇرىنى ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ كۆزى، تېرىسى ۋە كىيىمىگە بىۋاسىتە چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش كېرەك.
ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ كۆز ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بالىلارغا ھەرقانداق غىدىقلىغۇچى كۈچلۈك نۇرغا ئۇدۇل قارىماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن لازېر نۇرلۇق قەلەم كۆزگە ئۇدۇل چۈشكەن بولسا، ئۇلارغا دەرھال كۆزىنى يۇمۇۋېلىش ھەمدە بېشىنى بۇراپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىش كېرەك.
تۆتىنچى، ئادەتتە لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ بىر كۆزنى زەخىملەندۈرۈشى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئىككى كۆزى ئارقىلىق نەرسىلەرنى كۆرگەندە، بالىلار كۆزىدە كۆرۈلگەن ئالامەتلەرنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر بالىنىڭ كۆزىگە لازېر نۇرلۇق قەلەم چۈشۈرۈلگەن بولسا، ئاتا-ئانىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلار بالىنىڭ ئىككى كۆزىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىردىن ئېتىۋېلىپ تۇرۇپ، ئاندىن بالىنىڭ نەرسىلەرنى كۆرۈش ئەھۋالىنى سورىشى، ئەگەر بالىدا نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرۈش، كۆزىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش ۋە كۆز قارىچۇقىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا بالىنى داۋالىتىشى كېرەك.
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئاساسەن، لازېر نۇرلۇق قەلەم زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تەرتىپ بويىچە 1-تۈر، M1 تۈر، 2-تۈر، M2 تۈر، R3 تۈر، B3 تۈر، 4-تۈرگە بۆلۈنىدۇ. كەسپىي بولمىغان ئىشلەتكۈچىلەر B3 تۈردىكى ۋە 4-تۈردىكى يۇقىرى قۇۋۋەتلىك لازېر نۇرلۇق قەلەمنى ھەرگىز سېتىۋالماسلىقى، ئەڭ ياخشىسى لازېر نۇرى رادىياتسىيەسى تۈرى R3 ۋە ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان مەھسۇلاتلارنى تاللىشى كېرەك (لازېر نۇرىنىڭ قۇۋۋىتى بەش مىللىۋاتتىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك). لازېر نۇرلۇق قەلەمنى ئىشلەتكەندە، نۇرنى كىشىلەر توپىغا قاراتماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. لازېر نۇرلۇق قەلەمنىڭ كۆز قىسمىنى زەخىملەندۈرگەنلىكىنى بايقىغان ھامان دەرھال كۆز بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
خەلق تورىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى