ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭدىكى تۇنجى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە ئەمەلىيەت بازىسىنىڭ 1-، 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنى، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنى جانلىق، ئومۇميۈزلۈك بولغان يېزا ئىگىلىكى پەننىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
يېقىندا، شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە ئەمەلىيەت بازىسى ياش- ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنى ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە جەلپ قىلدى.
سۈرەتنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانى تەمىنلىگەن
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئەمەلىيەت بازىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى (يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار تۈرى) ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بازا ييېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، كىچىك شىرنىلىك مېۋىلەر بايلىقى بېغى، كۆكتات كۆرگەزمە باغچىسى، ياڭيۇنى گۇرۇپپىلاپ يېتىشتۈرۈش مەركىزى، زىرائەت ئېتىزلىرىدا سورت يېتىشتۈرۈش تەجرىبە بازىسى، كۈشەندە يېتىشتۈرۈش مەركىزى، كۆكباش قوناقنى پىششىقلاش كۆرگەزمە رايونى قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى، ئىستېرېئولۇق» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنغان، ھەمدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ئاممىۋى كۆرگەزمە، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى قاتارلىق بىر قاتار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقات ۋە ئۆگىنىش ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەن- تېخنىكا كۆرگەزمىسى ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن.
ئىگىلىگەن كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر سۈرەت، قۇم مودېل، ئەمەلىي بۇيۇم، مودېل قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەم ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىيەلەيدۇ. يەنە كۆپ ۋاسىتىلىك ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى 23 خىل خاس دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تېرىلىش تارىخى، سورت ئالاھىدىلىكى، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، پىششىقلاش ھۈنەر- سەنئىتى ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى چۈشىنىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى بىۋاسىتە ھېس قىلالايدۇ.