شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2024 - يىللىق «1 - ماي»، دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە ئائىت ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ خۇڭشىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ۋاڭ خۇڭشىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان. ۋاڭ خۇڭشىندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جاڭ جىخۇانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، جاڭ جىخۇا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇمنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان. جاڭ جىخۇادا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئادىل يۇنۇسنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، ئادىل يۇنۇس بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان. ئادىل يۇنۇستا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ۋاڭ باڭلۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ھەم ساياھەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ۋاڭ باڭلۇڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان؛ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا چىقىش جەريانىدا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ۋۇداڭشەن تېغى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۈستىگە ئالغان. ۋاڭ باڭلۇڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس تۇردىمەمەت غوپۇرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە تۇردىمەمەت غوپۇر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن. تۇردىمەمەت غوپۇردا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيە تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى شېڭ خۇڭخەينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ساياھەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، شېڭ خۇڭخەي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۈستىگە ئالغان. شېڭ خۇڭخەيدە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالتە تىپىك دېلو مىسالى بەزى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق جازالاپ، قاتتىق ئىدارە قىلىۋاتقان يۇقىرى بېسىم ھالىتىدىمۇ يەنىلا نەپسىنى يىغمىغانلىقى، قولىنى تارتمىغانلىقىنى، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامىنى يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى، ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى قىلمىغانلىقىنى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، قىزىل سىزىق ئېڭى ئاجىز ئىكەنلىكىنى، ئىنتىزامدا بوش، ئىستىلدا تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار تىپىك دېلو مىساللىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى سىياسىي تەكشۈرۈش قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ يېڭى ئىستىل تىكلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزىگە تەتبىقلاپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئاڭلىق ھالدا قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئىنتىزام، قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈگۈن نۇقتىسىدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە قارىتا، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لار، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلارغا چىڭ تىكىلىپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى، «سەككىز سائەتنىڭ سىرتى» قاتارلىق «تۆت خاھىش» مەسىلىسى ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان تۈگۈن نۇقتىلىرىغا چىڭ تىكىلىپ، ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق جاھىل مەسىلىلەرگە قارىتا باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشى، قاتتىق تۈزىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئومۇمنى شىلىش» «ئاشخانىنى شىلىش» «لوبەننى شىلىش» «قول ئاستىدىكىلەرنى شىلىش» «بىر ئۈستەللىك تاماق» «ئارامخانا زىياپىتى» ھەمدە تەربىيەلەش، يىغىن مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوپچە تاماق يېيىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك. تۈزىتىش بىلەن ئۈلگە تىكلەشنى تەڭ قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كېتىش مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىشنىڭ ئارقىسىدىكى ئارىغا ئادەم قويۇپ ئىش بېجىرىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.






