تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانداق قىلغاندا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، يېتەكچى پىكىر چىقىرىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۈي

«كۆپچىلىك، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ گۇما ناھىيەمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى شۆجۈ، ئۇنىڭدا چاي دەملىسەك پۇرىقى كۈچلۈك، تەمى سەل تاتلىق، تەملىك چىقىدۇ...» «ھازىر پىيالما ئانىرى ئاز قالدى، كۆپلەپ سېتىۋالماقچى بولساڭلار يېڭى ئانار بازارغا سېلىنغۇچە ساقلاپ تۇرۇڭلار...» 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، ئون نەچچە رىياسەتچى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئۆيىدە خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقان بولۇپ، زاكاز ئۈزۈلمەي كېلىۋاتاتتى.

گۇما ناھىيەسى ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. 2023 - يىلى 12 - ئايدا، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا يىغىنى ھەم 2023 - يىللىق يېزا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا مىسالى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مىسالى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى جۈش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەرقايسى جايلار قانات يايدۇرغان «رەقەملىك سودا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش» «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەر يېزىلاردا ئېلېكتىرونلۇق سودا قوشۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا كۈچ قوشتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى يىلدىن - يىلغا ئاشتى. 2023 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا توردا پارچە سېتىش سوممىسى 33 مىليارد 888 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %31.07 ئاشتى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 19 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %22.81 ئاشتى.

قانداق قىلغاندا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىشىپ «يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكرى» دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى. پىكىردە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ بەش يىللىق يېڭى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەم 14 تۈرلۈك كونكرېت سىياسەت - تەدبىر چىقىرىلدى.

«يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆپ قاتلاملىق يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك، بۇ، ناھىيە رايونىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسى بەرپا قىلىش، يېزىلاردا رەقەملىك ئىستېمال مەنزىرىسىنى يېتىلدۈرۈش، يېزىلاردا رەقەملىك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېزا زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش - يەتكۈزۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش جەھەتتە، «يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئەشيا ئوبوروتى بويىچە تەقسىملەش، يەتكۈزۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا سودا ئەشيا ئوبوروتىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆپ مەنبەلەشكەن يېڭى تىپتىكى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسىي گەۋدىسىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە، «يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا تەمىنات زەنجىرى مۇلازىمەت كارخانىسى ۋە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

«يولغا قويۇش پىكرى»دە يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا خاس ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى قوللىنىش مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇسابىقىسى ۋە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «يولغا قويۇش پىكرى»دە يەنە تۈر مۈلكىنى داۋاملاشما باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بازارلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىشقا ئۆزگەرتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ بەش يىللىق يېڭى نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «يولغا قويۇش پىكرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. بۇ يىل ئاپتونوم رايوندىكى سودا تارماقلىرى شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى قۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ 5 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بايرىمى ھەم يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلارنى يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش تېمىسىدىكى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ 2024 - يىللىق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر تۈركۈم «ئاپتونوم رايون بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» «شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى» «شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشنى كېڭەيتىش ئەلچىسى» قاتارلىقلارغا نام بېرىدۇ.

□ئەسكەرتمە

«يۈز، مىڭ، ئونمىڭ» ئىچىدە ھەممەيلەن بار

«يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئاساسىي گەۋدىسى جانلىق، ئوبوروتى راۋان، مۇلازىمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ. مەملىكەت بويىچە 100 ئەتراپىدا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدىكى «باشلامچى ناھىيە» يېتىلدۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلاردىكى كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. 1000 ئەتراپىدا ناھىيە رايونى رەقەملىك ئوبوروتىدىكى باشلامچى كارخانا يېتىلدۈرۈلۈپ، ئەنئەنىۋى سودا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ، تورلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. 1000 ئەتراپىدا ناھىيە رايونى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسى بەرپا قىلىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى قوللىنىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. 10 مىڭ ئەتراپىدا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا باشلامچىسى يېتىشتۈرۈلۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

يېزا رەقەملىك ئىستېمال مەنزىرىسى تېخىمۇ بېيىتىلىدۇ

«يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كۆچمە چىقىم قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلار ئۇنىۋېرسال قوللىنىلىپ، شارائىت ھازىرلىغان يېزىلارنىڭ سودا تور نۇقتىلىرىغا قارىتا رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، كۆپ خىل ئىستېمال مەنزىرىسى بەرپا قىلىنىپ، توردا زاكاز قىلىش، دۇكانغا بېرىپ ئېلىش، يېڭى پېتى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال تەسىراتى بېيىتىلىدۇ. رەقەملىك كۈچ قوشۇش تەمىنات زەنجىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ۋە ئۆي جاھازلىرى، ئۆي بېزەكچىلىكىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشنى داۋاملىق قوللاپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى يېڭىلاش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بازار، كوچا رايونى، سودىگەرلەرنىڭ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، خاس دۇكان، تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنى تونۇشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

«توردا ئېقىمنى يېتەكلەش + تور سىرتىدا ئىستېمال قىلىش» ئەندىزىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ

«يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەرقايسى جايلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سۇپىسى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، ساھە جەمئىيەتلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى قېزىپ، رىياسەتچىلەرنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى ۋە مال سېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆزى تورغا چىقىرىپ سېتىش، كەنت تورىغا چىقىرىپ سېتىش، زاۋۇت تورىغا چىقىرىپ سېتىش قاتارلىق ئۆزگىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش +» يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، يېزىلاردىكى قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت ھەم ئەنئەنىۋى سودا ئوبوروت كارخانىلىرى، سودا تور نۇقتىلىرى قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، «توردا ئېقىمنى يېتەكلەش + تور سىرتىدا ئىستېمال قىلىش» ئەندىزىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.