تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

ئۈرۈمچى شەھىرى تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئارىلىشىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئالغا سىلجىتىدۇ

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان مەزگىل تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەزگىل. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە باللارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئارىلىشىش بويىچە داۋالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى چىلىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى تەسىس قىلغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى يۇلتۇز سىنىپى(ماتېرىيال سۈرەت).                    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى فوتوسى

     تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار يەنە «يۇلتۇزدىن كەلگەن بالا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جەمئىيەت ئالاقىسىدە توسالغۇغا ئۇچراش، قىزىقىشى تار، ھەرىكىتى تەكرار، قاتمال بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بالىلارنىڭ جەمئىيەت ئالاقە ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە، بۇلتۇر 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئارىلىشىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان نۇسخىسى)»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر قايسى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى بويىچە نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش تۈرىنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى ۋە قېتىم سانىغا بىرلەشتۈرۈپ، «تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئارىلىشىش مۇلازىمەت ئۆلچىمى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان نۇسخىسى)» «تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوللانمىسى» «بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تېخنىكا ئۆلچىمى»دىن پايدىلىنىپ، تەۋەلىكىدىكى بوۋاقلار ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ پىسخىك ھەرىكىتىنىڭ يېتىلىش مەسىلىسىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ھەم تەنھالىق كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ھەرىكەت بەلگىسىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى بالىلارنىڭ بىرمۇبىر تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بىرمۇبىر تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككى دەرىجىلىك تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە ئارىلىشىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تېببىي خادىملار، بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش مەخسۇس كادىرلىرىنى تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئارىلىشىش بويىچە تەربىيەلىدى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئارىلىشىش سىناق رايونى بولغان ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى) ھەم تىيانشان رايونىدىكى ھەر قايسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى(يېزا-بازار شىپاخانىلىرى)دىكى 49 نەپەر بالىلار ساغلاملىقى مەخسۇس كادىرىدىن نەزەرىيە ئىمتىھانى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ئىمتىھانى ئالدى.

     «بۇ يىل 4-ئايدا، بىز ئارقا-ئارقىدىن مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ سىناق نۇقتا قىلىنغان رايونلاردىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى(يېزا-بازارلىق شىپاخانىلار)غا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بالىلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گاۋ يۆ.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بالىلارنى قايتىدىن بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى يۆتكەپ داۋالاش يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كېسەللىك تارىخىنى سوراش، ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، بەدەننى تەكشۈرۈش ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش، تەنھالىق كېسىلىنى مىقدار جەدىۋىلى بويىچە ئۆلچەپ باھالاش ۋە زۆرۈر بولغان قوشۇمچە تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يۆتكەلگەن بالىلارنى ئۇنىۋېرسال باھالايدۇ(دىياگنوز قويىدۇ). شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق بالىلار ۋە تەنھالىق كېسىلى خەۋپى يۇقىرى بالىلارنىڭ ۋەسىيلىرىگە مېيىپ بالىلارنىڭ ئاساسىي سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، بالىلارنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق بالىلار ۋە تەنھالىق كېسىلى خەۋپى يۇقىرى بالىلارنى ۋاقتىدا داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باھالاش، مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر ئارىلىشىش ئارقىلىق، بالىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە ئاقىۋىتىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ياخشىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاغرىق بالىلار ئەڭ ياخشى ئارىلىشىش مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ». گاۋ يۆ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاتا-ئانىلار بالىلار ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى، تەنھالىق كېسىلىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش ۋە ئارىلىشىش مۇلازىمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك. «بالدۇر بىرمۇبىر تەكشۈرگەندە، بالدۇر دىياگنوز قويغاندا، بالدۇر ئارىلاشقاندا» ئاندىن  تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ جەمئىيەت پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاغرىق بالىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى بالدۇرراق ياخشىلىغىلى ۋە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.