تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2024 - يىللىق باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە ئائىت ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئەنۋەر سىيىتنىڭ ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى باشقىلارنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىق مەسىلىسى. 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئەنۋەر سىيىت خۇسۇسىي كارخانا ئىگىسىنىڭ خوتۇنىنى بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسىتىشكە بارغان خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىسى بېرىپ - كېلىش ئايروپىلان بېلىتى ۋە ياتاق، داۋالىنىش خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىگەن؛ ئەنۋەر سىيىت بېيجىڭغا كاماندىروپكىغا بارغان مەزگىلدە، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىسىنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى ھەم ئۆزىنىڭ ياتاق خىراجىتىنى تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنۋەر سىيىتتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جيەن تىڭۋېينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى باشقىلارغا تۆلەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىسى. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، جيەن تىڭۋېي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇمنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىسى ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىشقا كەتكەن ئالاقىدار خىراجەتلىرىنى تۆلىگەن. جيەن تىڭۋېيدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئۈرۈمچى گەنچۇەنپۇ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى تاڭ شەننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، تاڭشەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، ئىنتىزامغا خىلاپ قىسمەن قىلمىشلىرى باھار بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە يۈز بەرگەن؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان. تاڭشەندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى قالىبىيات سىلەمقاننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى باشقىلارغا تۆلەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، قالىبىيات سىلەمقان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنى شەخسىي يېمەك - ئىچمەك خىراجىتىنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. قالىبىيات سىلەمقاندا ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى سۈن شۆۋۇنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، سۈن شۆۋۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى باھار بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە يۈز بەرگەن. سۈن شۆۋۇدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قاراقاش ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2015 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ئەخمەتجان مەمتىمىن نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان. ئەخمەتجان مەمتىمىندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كېتىشتىن ئىبارەت يۇقىرىقى ئالتە تىپىك دېلو مىسالى بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەزگىلى، يېڭى باسقۇچىدا يەنىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قايتا - قايتا تەكىتلىشىگە پەرۋا قىلماي، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن چەتنەپ، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىغا چېقىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، جەزمەن ئىبرەت ئېلىش كېرەك.

پاك ياكى پاك ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا باھار بايرىمىدىكى ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى باشتىن - ئاخىر ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۆمۈر قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈگۈن ئۆتكىلىنى مەھكەم تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەشەمەتچىلىك قىلىش، بەسلىشىپ سۆلەتۋازلىق قىلىش، بايلىقنى كۆز - كۆز قىلىش، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىپ ئىسراپچىلىق قىلىش، «ھاراق ئۈستىلى مەدەنىيىتى» قاتارلىق ناچار ئادەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بايرام تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى دەستەك قىلىپ يەپ - ئىچىش قاتارلىق تۈرلۈك راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىدىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تىپىك دېلو مىساللىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزىگە تەتبىقلاپ، مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، بايرامنى پاك ئۆتكۈزۈش كىرىچىنى چىڭ تارتىپ، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، تۇرمۇشتا ھەشەمەتچىلىك قىلىش، راھەتپەرەسلىككە بېرىلىش، چاكىنا ھەۋەسلەرنى قوغلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىستىلنى قاتتىق تۇتۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە كومىتېتىغا ھەمكارلىشىپ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تۈگۈن نۇقتىسىنى نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بايرامدىن بۇرۇنقى تەربىيە ۋە ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل ئىللەتكە قاتتىق زەربە بېرىپ تۈگىتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئومۇمنى شىلىش» «ئاشخانىنى شىلىش» «لوبەننى شىلىش» «قول ئاستىدىكىلەرنى شىلىش» «بىر ئۈستەللىك تاماق» «ئارامخانا زىياپىتى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، تەكرار كۆرۈلىدىغان كونا مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ئازايتىپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان مەسىلىلەرنىڭ يامرىشىنى توسۇشى كېرەك. تۈزىتىش بىلەن يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن بايرام مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىستىل مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى تۈگىتىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى ئالغا ئىنتىلىشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە داۋاملىق يېتەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.