تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، ۋاكسىنا ئەملىگەندە بۇ خىل نەپەس يولى كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: يۆتەلنەپەس يولى كېسەللىكلىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى، ئەگەر بالىلاردا سىجىل يۆتىلىش كۆرۈلسە، ھەتتا بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر نەچچە ئايغىچە ساقايمىسا، كۆكيۆتەلدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. كۆكيۆتەلنىڭ يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، ئالتە ئايدىن تۆۋەن پۈتۈن مۇساپىلىك ئاساسىي ئىممۇنىتېتلىق ئەملەشنى تاماملىمىغان بوۋاقلاردا كېسەل بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارمۇ كېسەل بولۇشى مۇمكىن. كۆكيۆتەل تەركىبلىك ۋاكسىنا ئەملەش ئەڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ.

كۆكيۆتەلكۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان يۆتىلىش، سپازمىلىق يۆتىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، يۆتىلىش ئىككى ھەپتىدىن ئاشىدۇ، يۆتەل توختىغاندا نەپەسلەنگەندە توخۇ چىللىغاندەك ئاۋاز چىقىرىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بوۋاقلار ۋە ئېغىر كېسەللەردە ئۆپكە ياللۇغى ياكى كۆكيۆتەل مېڭە ياللۇغى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، قويۇق ئۇچرىشىش ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ، ئائىلىدە تارقىلىش كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

كۆكيۆتەل ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە سپازمىلىق يۆتەل تەدرىجىي پەسىيىدۇ، يۆتەلنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئاجىزلايدۇ، قوزغىلىش قېتىم سانى ئازىيىدۇ، توخۇ چىللىغاندەك ئاۋاز تەدرىجىي يوقايدۇ، تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان سپازمىلىق يۆتەل ئالامەتلىرى بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر نەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا، بولۇپمۇ كىچىك ئايلىق بوۋاقلار كۆكيۆتەل تەركىبلىك ۋاكسىنا ئەملەش يېشىغا يەتمىگەچكە، بۇ كېسەللىك كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. كۆكيۆتەل تەركىبلىك ۋاكسىنا ئەملەش ئەڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى. بوۋاقلار ئۈچ ئايلىق، تۆت ئايلىق، بەش ئايلىق ۋە 18 ئايلىق بولغاندا بىردىن كۆكيۆتەل-بوغما-قاتما بىرلەشمە ۋاكسىنىسى(بەيبەيپو ۋاكسىنىسى) ئەملىشى كېرەك.

ئائىلىدە ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، ئۆيدىكى جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. بىمارلار بىلەن ئۇچراشقاندا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسى تاقاش ھەمدە قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئامال بار كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.