ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەۋسۇملۈك ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالدى
1-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى
مەۋسۇملۈك دەرس تەكرار قىلىش باسقۇچىدا
ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى
شەخسىي مۇداپىئەنى پائال ياخشى ئىشلىشى
ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشى
مەۋسۇملۈك ئىمتىھاننى ساغلام ھالەتتە كۈتۈۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك
قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل
مەۋسۇملۈك ئىمتىھان مەزگىلىدە
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئادەم توپلاشقان جايلارغا ئىمكانقەدەر ئاز بېرىشى كېرەك.
مۇبادا قىزىش، يۆتىلىش، باش ئاغرىش،
يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى
ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دەم ئېلىشى
كېسەل بولۇپ قالغان ئەھۋالدا قەتئىي مەكتەپكە بارماسلىقى كېرەك
كۈندىلىك تۇرمۇشتا
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن
شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشى كېرەك ↓↓
بىرىنچى، مەشغۇلات ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپەتلىك، يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۆگىنىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىپ ۋە ئۆزىنى ئازادە قويۇۋېتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى يېنىكلىتىپ، تۈنەشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىككىنچى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش. مەۋسۇملۈك ئىمتىھان مەزگىلىدە، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ۋاقتىدا كىيىم- كېچەكنى قېلىنراق كىيىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادەم توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىش-چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. ئىلمىي ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، يېمەكلىكلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇقنى ماسلاشتۇرۇش. ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا، نورمىلىق يېيىش، زىيادە كۆپ يەۋالماسلىق، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاش، ئەسلىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، سىرتتا غىزالىنىشنى ئازايتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش. ھەر كۈنى بەلگىلىك ۋاقىت چىقىرىپ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىپ، تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئۆي ئىچىدە بىر قىسىم ئاددىي تەنھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئۆگىنىش ھارغىنلىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
بەشىنچى، كەيپىياتنى تەڭشەپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش. مەۋسۈملۈك دەرس تەكرار قىلىش باسقۇچىغا كىرگەندە، بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتكە يېتەكلەش كېرەك. بالىلارنى ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاشقا، زىيادە تەشۋىشلىنىشتىن ساقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى